UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىدېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن توك ئېلىش

دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن توك ئېلىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى قۇياش نۇرىنىڭ تەسىرىدىن، دېڭىز سۈيىنىڭ ئۈستى ئاستىدىن ئىسسىق بولىدۇ. ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق تېمپېراتۇرا پەرقى دېيىلىدۇ، بۇ پەرقتىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. جەنۇبىي دېڭىزدا سۇ ئۈستى تېمپېراتۇرىسى℃ 25 تىن ئاشىدۇ،500 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاران℃5 —℃ 7 ، تېمپېراتۇرا پەرقى تەخمىنەن℃20. تېمپېراتۇرا پەرقى ℃20 بولغان دېڭىز سۈيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى3 كىلوگرام كۆمۈرگە باراۋەر. يەر شارىدىكى بارلىق دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىچىگە ئالغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى400 تىرىليارد (1017×4) توننا كۆمۈر چىقىرىدىغان ئىسسىقلىققا تەڭ. بۇ ئېنېرگىيە قۇياشتىن كېلىدۇ، ئۇ مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان ئېنېرگىيە بايلىقىدۇر.50 يىلدىن ئىلگىرىلا بەزىلەر دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ئېلىشنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار دېڭىز سۈيىنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ پروپان، ئاممونىي، فرېئون قاتارلىق سۇيۇقلۇقلارنى پارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن بۇ پار بىلەن تۇربىنىنى قوزغاپ، گېنېراتورنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ توك ھاسىل قىلماقچى بولغان. چۈنكى، بۇ گازلار نۆلدىن تۆۋەن ℃20 تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا قاينايدۇ. ℃25 ئىسسىق دېڭىز سۈيى بىلەن قىزىتقاندا، ۋاكۇئۇملۇق تۆۋەن بېسىمدا ئۇلارغا گازغا ئايلىنىشقا گەپ كەتمەيدۇ. تۇربىنلىق گېنېراتوردىن چىققان پارنىك بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەيدۇ. ئۇ سوۋۇتقۇچقا كىرگۈزۈلۈپ، دېڭىز تېگىدىكى ℃5 تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق دېڭىز سۈيى بىلەن سوۋۇتۇلىدۇ، ئاندىن ھىدراۋلىك پرېس بىلەن بېسىم بېرىپ قايناپ سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، پارلاندۇرغۇچقا ئەۋەتىپ تەكرار ئىشلىتىپ، ئۈزلۈكسىز توك ئېلىنىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ئېلىش تاشقىنىدىن توك ئېلىش، دولقۇنىدىن توك ئېلىش ياكى باشقا قۇياش ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىپ توك ئېلىشلارغا قارىغاندا، ئېنېرگىيە مەنبەسى مۇقىم ۋە ئىشەنچلىك، ۋاقىت، ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. چوڭقۇر دېڭىز تېگىدىن تارتىلغان سۇنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى كۆپ بولۇپ، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، بېلىقلارنىمۇ مول ئوزۇق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى