UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىباكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ نېفىت ئېلىش

باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ نېفىت ئېلىش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى كانادانىڭ تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋىمان پروفېسسور بۇرۇن «نېفىت ياسىيالايدىغان» بىرنەچچە خىل باكتېرىيىنى بايقىغان. بۇ مىكرو جانلىقلارنىڭ توقۇلما قۇرۇلمىسىنىڭ% 80 تەركىبىدە ماي بار ماددىلار. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ئاستىدا ئۇلارنىڭ ھەربىرى ماي قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىغا ئوخشايدۇ. ۋىمان ئۇلارنى يىغىپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن باققان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «مىكرو جانلىقلار نېفىتلىكى» گە ئايلانغان ۋە تەجرىبىخانىدا4 لىتىر ماي ئالغان. بۇ ماي دېزىل مېيىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نېفىتمۇ خىلمۇخىل ئۇششاق جانلىقلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. قەدىمكى زاماندا سۇدا ياشايدىغان جانلىقلار يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن، نەچچە ئون ھەتتا نەچچە يۈز مىليون يىللار داۋامىدا ئۇلار تەبىئەتنىڭ تەسىرىدە نېفىتكە ئايلانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي تەركىبى كاربون بىلەن ھىدروگېن. ئالىملار نۇرغۇن مىكرو جانلىقلار مۇنداق ھىدرو كاربون بىرىكمىلىرىنى «يەپ»لا قالماي يەنە «غەملەش» ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن، ئاچىماق تاياقچىسىمان باكتېرىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مىكرو جانلىق بار، ئۇ ھىدرو كاربون بىرىكمىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىكولىك كىسلاتا ھاسىل قىلالايدۇ. ھاراق ياكى جياڭيۇ ئېچىتقاندەك، ئېنزىمنىڭ كاتالىزلاش رولىدىن پايدىلىنىپ پولىمېرلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن باكتېرىيە ئىشلىگەن ھەقىقىي نېفىتنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ پرىنسىپقا ئاساسەن، بىر كۆل ياساپ سۇ قاچىلاپ، مىكرو جانلىقلارنى بۇ سۇدا «بېقىپ»، ئوزۇقىغا يېتەرلىك كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بەرسە، ئانچە ئۆتمەيلا، بۇ جانلىقلار مىڭ، ئون مىڭ ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ. بۇ جانلىقلارنى سۈزۈۋېلىپ، ئۇلاردىن مەخسۇس زاۋۇتتا نېفىت ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ نېفىت ئالغاندا، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد يېتەرلىك بولسىلا، نېفىت ئېلىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ،2 −3 كۈن ئىچىدىلا بىر قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. باكتېرىيىدىن پايدىلىنىپ نېفىت ئالىدىغان سۈنئىي كۆل بىلەن نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى نەگىلا قۇرسا بولىۋېرىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، بورانمۇ، يامغۇرمۇ كار قىلمايدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتسا، بىر مو سۇدىن يىلىغا3700 گالون نېفىت ئالغىلى بولىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى