ئاقسىل كىيىم
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
بۇ خىل رەخت ئاقسىلدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئاقسىل تالاسىدىن تەييارلىنىدۇ. ئۇنىڭ سۈنئىي تالانىڭكىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بولغاندىن باشقا، تېرىگە ئوخشاش ھاۋا ئالماشتۇرۇش، تېمپېراتۇرا ساقلاش خۇسۇسىيىتىمۇ بولىدۇ.
ئاقسىل خام ماتېرىيال قىلىنىپ ئىشلەنگەن ئاقسىل تالاسى بالدۇرلا بارلىققا كەلگەن، ئەنگلىيىلىكلەر ھايۋانات يېلىمىدىن ئاقسىلنى ئاجرىتىپ، سۈنئىي ئاقسىل تالاسىنى ئىشلەپچىققان؛ ئىتالىيىلىكلەر كالا سۈتى پىشلىقىنى خام ماتېرىيال قىلىپ، سۈنئىي قوي يۇڭىنى ئىشلەپچىققان. ئاقسىل تالاسى سېللۇلوزىدىن ئىبارەت. ئالىملار پىلە قۇرتىنىڭ يىپ سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ يىپ چىقىرىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، پۇرچاق، كۆممىقوناق ۋە خاسىڭدىن ئاقسىل ئاجرىتىپ، شىلىمشىق ھالەتتىكى رەخت توقۇش سۇيۇقلۇقىنى تەييارلىغان، ئاندىن يىپ چىقارغۇچتىكى ئۇيۇتقۇچىنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئاقسىل تالاسىغا ئايلاندۇرغان. بۇ خىل تالانىڭ بەلگىلىك ھاۋا ئۆتكۈزۈش، نەملىك ئالماشتۇرۇشچانلىقى بار، بىراق چىدامچانلىقى ناچارراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار ئىنسانلارنىڭ يېمەكلىكى بولغاچقا، تەرەققىياتى چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
ئالىملار يەنە ئادەم بەدىنى ئاقسىلىدىن ئىشلەنگەن رەخت، يەنى تېرە تىپىدىكى ئاقسىل رەختنى تاپتى. ئادەم بەدىنى ئاقسىلى ھىدرولىزلانغاندىن كېيىن20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا ھاسىل بولىدۇ، ئامىنو كىسلاتالار پولىمېرىدىن پايدىلىنىپ تەييارلانغان رەخت تېرىگە ئوخشاش نەپەسلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇ ھەم تېمپېراتۇرا ساقلايدۇ، ھەم ھاۋا ئۆتكۈزىدۇ. ئادەم بەدىنى ئاقسىلىنىڭ مەنبەسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، كۆز يېشى، شۆلگەي، تەر ۋە سۈيدۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە بار. ئەگەر ئادەم بەدىنى ئاقسىلى تالاسىدىن نەپەسلىنىش تىپىدىكى رەختلەر ئىشلەنسە، ئۇ ئىستىقباللىق كىيىم - كېچەك يېڭى ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ.
نەپەسلىنەلەيدىغان تېرە توقۇلما بۇيۇملىرىنىڭ كۆپىنچىسى نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەر بار نېپىز توقۇلما بولۇپ، بۇ تۆشۈكچىلەر سۇ تامچىسىدىن كىچىك، سۇ مولېكۇلىسىدىن چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىشلەنگەن كىيىمدىن يامغۇر ئۆتمەيدۇ، ئەمما كىيىم ئىچىدىكى تەر چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنىڭ ئىچكى دىۋارى سۇغا قارشى ماتېرىياللار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاچقا، سۇنىڭ كاپىلليارلىق ھادىسە تەسىرى بىلەن ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى بويلاپ ئىچىگە ئېقىپ كىرىشىنى توسىدۇ.
كۆپ تۆشۈكلۈك نېپىز رەخت ئىشلەشنىڭ مۇنداق ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار: بىرى، يۈز قەۋىتىگە سۇغا مايىل مىكرو دانىچىلەر، كۆپ تۆشۈكلۈك ماتېرىيال ياكى كۆپۈكلەشتۈرگۈچى ئاگېنت قاتارلىقلارنى قوشۇپ، يۈز قەۋىتىدە نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى شەكىللەندۈرۈش؛ يەنە بىرى، ئادەتتىن تاشقىرى ئىنچىكە تالا توقۇلمىلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى قىسىش ئارقىلىق يۇقىرى زىچلىقتىكى ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى ھاسىل قىلىپ، ئۇلاردىكى تۆشۈكچىلەرنى كىچىكلىتىش. يەنە بىرى، مۇئەييەن تېخنولوگىيە شارائىتىدا، يۇقىرى پولىمېرلىق ماددىلارنىڭ ئەسلىي تالاسىدىن تۈزۈلگەن تور قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، تور ئارىلىقلىرىدا نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاندىن قىزىق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، بۇ تۆشۈكچىلەرنى مۇقىملاشتۇرۇش.