نىكېل
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
كۆرۈنۈشى ئاپئاق، چىرايلىق بۇ مېتالغا كىشىلەر «ئالۋاستى» — نىكېل دەپ نام قويغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇزاق زامانلار بۇرۇن فرانسۇزلار قىزىل مىس رۇدىسى تېپىۋالغان، لېكىن قانداقلا قىلغان بىلەن، ئۇنىڭدىن مىسنى چەككىلەپ چىقالمىغان. كانچىلار ئالۋاستى ھىيلە ئىشلىتىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، بۇ رۇدىغا ئالۋاستى مىس دەپ ئات قويغان. كېيىنچە كىشىلەر بۇ قىزىل رۇدىدا نىكېل ۋە ئارسېن بارلىقىنى بىلگەن.
يەر شارىدا نىكېلنىڭ زاپىسى بەك ئاز، تۆمۈرنىڭ ئاران ئالتە يۈزىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. نىكېل نۇرغۇن ئېلېمېنتلار بىلەن ئارىلاش تۇرىدۇ، چەككىلەپ ئالماق تەس. ئاۋۋال رۇدا ئوچاققا سېلىپ تاۋلىنىپ، تۆمۈر، نىكېل، مىس ۋە گۈڭگۈرت ئارىلاشمىسى ئېلىنىدۇ، ئاندىن تۆمۈر چىقىرىپ تاشلىنىپ، گۈڭگۈرت، مىس، نىكېل ئارىلاشمىسى ئېلىنىدۇ. ئاخىرىدا ساپ نىكېل ئېلېكترولىزلاپ ئېلىنىدۇ، بۇ ئوتتا نىكېل ئېلىش ئۇسۇلى دېيىلىدۇ، ئوتتا نىكېل تاۋلاپ ئالغاندا زەھەرلىك گاز چىقىدۇ. ھازىر كىشىلەر نىكېل رۇدىسىنى سۇدا ئېرىتىپ، سۇدا نىكېل ئېلىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ تاپتى.
نىكېل ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئادەتتە℃ 1500 قا يەتكەندە ئاندىن ئېرىيدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان توك ئوچاقنىڭ سىمى نىكېل خروم قېتىشمىسىدىن ياسىلىدۇ. نىكېل - خروم قېتىشمىسىنىڭ يۇقىرى ھارارەتكە بەرداشلىق بېرىش قابىلىيىتى بولمىغان بولسا، رېئاكتىۋ ئايروپىلان بولمىغان بولاتتى. رېئاكتىۋ ماتور ۋە ئالەم كېمىسىنىڭ بەزى زاپچاسلىرىنىڭ ئىسسىقلىقى ℃1000 تىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇلارغا نىكېل تەركىبى %59 لىك نىمۇ - نىكېل قېتىشمىسى ئىشلىتىلسە ئىشەنچلىك ۋە بىخەتەر بولىدۇ، بەزى نىكېل قېتىشمىلىرىدىن ئاتوم رېئاكتورىنىڭ زاپچاس - دېتاللىرى ياسىلىدۇ.
نىكېل ھاۋادا، سۇدا ۋە بەزى كىسلاتالاردا داتلىشىپ چىرىمەيدۇ. پولاتقا نىكېل ئارىلاشتۇرۇلسا، ھاۋا، سۇ، كىسلاتانىڭ ھەرقاندىقىدا چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن پاراخوت، نېفىت خىمىيە تۇرۇبىلىرى، پروبىرلار، سۇ كلاپانى، تېببىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە نازۇك پروبىرلار ياسىلىدۇ.
نىكېل يەنە مېتال ماتېرىياللارنىڭ «ياردەمچىسى». ئۇ قوشۇلغان مىقدارنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ماتېرىياللارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى خىلمۇخىل ئۆزگەرتىدۇ. نىكېل تولىمۇ ئاسان ماگنىتلىنىدۇ، نۇرغۇن ماگنىتلار نىكېل، ئاليۇمىن، تۆمۈرلەرنىڭ قېتىشمىسىدىن ئىبارەت. ئەمما، مەڭگۈلۈك ماگنىتلارنىڭ ماگنىتىنى يوقىتىش تەس، كىشىلەر% 75 لىك نىكېل ۋە% 25 لىك تۆمۈردىن يېڭى قېتىشما ھاسىل قىلدى، ئۇنىڭدىن ياسالغان دېتاللارنى ماگنىتلاشمۇ، ماگنىتسىزلاندۇرۇشمۇ ئاسان. ناۋادا ھەم قاتتىق، ھەم داتلاشمايدىغان، يەنە ماگنىتقا تارتىلمايدىغان بىرەر دېتال ياساشقا توغرا كەلسە، نىكېل تەركىبى بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان داتلاشماس پولات بولسىلا كۇپايە. نۇرغۇن ئەھۋاللاردا چويۇن ياكى پولاتقا ئازراق نىكېل ئارىلاشتۇرۇلسىلا، ئۇلار تېخىمۇ ئەۋرىشىملىشىپ ۋە قاتتىقلىشىپ كېتىدۇ.