توزان يۇقمايدىغان كىيىم
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ئالىملار چاڭ - توزان قونمايدىغان ۋە باكتېرىيە ئۆلتۈرەلەيدىغان، پارتلاشتىن ساقلىنالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بىر خىل كىيىمنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ. بەزى زاۋۇتلاردا خىزمەتچى خادىملارنىڭ كىيىم - كېچىكى توزانسىز، باكتېرىيىسىز بولۇشى ياكى پارتلاشتىن ساقلىيالىشى لازىم، بولمىسا، مەھسۇلات سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ھەتتا ستاتىك ئېلېكتر ئۇچقۇنى سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بېرىدۇ.
بۇ خىل كىيىمنى تەييارلاش ئۈچۈن، ئالىملار كىيىمگە نېمە ئۈچۈن مەينەت نەرسىلەر يۇقىدىغانلىقىنى ئېنىقلىشى كېرەك.
تېرە ئاجراتمىلىرى ۋە ئۇچراشقان پاسكىنا قاتتىق، سۇيۇق جىسىملاردىن باشقا، ھاۋادىكى چاڭ - توزانلارمۇ مەينەت بولۇشنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى. ھاۋادا لەيلىمە توزان، مىكرو دانىچىلەر بولغاچقا، بۇ چاڭ - توزانلار كىيىمگە ئاسانلا يۇقىدۇ. سىنتېتىك تالادىن ئىشلەنگەن كىيىملەر سۈركەلسە، ئاسانلا زەرەت پەيدا بولۇپ، ھاۋادىكى قارشى زەرەتلىك چاڭ - توزانلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ، ئۇنىڭ چاڭ - توزانلارنى تارتىش ئىقتىدارى پاختا، يۇڭ رەختلەرنىڭ6 −7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
كىيىم - كىچەكلەرگە يۇققان كىرلەرنى چىقىرىپ تاشلاشتا، ئادەتتە، سوپۇن ياكى كىر يۇيۇش پاراشوكىنىڭ خىمىيىۋى رولىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا يېپىشىۋالغان كىرلەر بىلەن تالا مولېكۇلىلىرى ئاجرىتىۋېتىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، سىنتېتىك تالاغا مۇئەييەن نىسبەتتە ئاسان ستاتىك ئېلېكتر ھاسىل بولمايدىغان پاختا، يۇڭ، ۋىسكوزا قاتارلىق تالالار قوشۇلۇپ، ستاتىك ئېلېكترنى ئاجىزلىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، چاڭ سۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى ئازايتىلىدۇ.80
- يىللاردا، گېرمانىيىدە نىكېل، مىس ياكى ئالتۇن قاتارلىق مېتاللار سۈرتۈلگەن نېپىز گەزلىمىلەر ئىشلەپچىقىرىلدى، بۇلار ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، قېلىنلىقى1 مىكرو مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. شۇڭا بۇنىڭدىن ئىشلەنگەن «توزانسىز كىيىم» نىڭ ئېغىرلىقى سەل - پەل ئاشقاندىن باشقا، تاشقى كۆرۈنۈشى، يۇمشاقلىقى، چىداملىقلىقى، پۈرلەشمەسلىك ئىقتىدارى قاتارلىقلار ئادەتتىكى توقۇلمىلارنىڭكىگە ئوخشاش دېگۈدەك ئىدى. ئېلىمىز تالاغا مېتال، كاربون قاتارلىق ئېلېكتر ئۆتكۈزىدىغان ماتېرىياللارنى قاپلاش ئارقىلىق، ئېلېكتر ئۆتكۈزىدىغان داكروننى سىناق قىلىپ ياسىدى، بۇنىڭدىن ستاتىك ئېلېكترغا قارشى «توزانسىز كىيىم» ئىشلەشكە بولىدۇ.
يېڭى ئەۋلاد «توزانسىز كىيىم» ئالدىن «مەينەت» لىك بىر تەرەپ قىلىنغان رەختلەردىن تەييارلىنىدۇ. «مەينەت» لىك بىر تەرەپ قىلىش دېگىنىمىز رەختلەرنى رەڭسىز ياكى رەخت بىلەن ئوخشاش رەڭدىكى سۈنئىي «مەينەت» دانىچىلەرگە تويۇندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارغا قايتا بۇلغىنىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيىدە بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ماي يۇقمايدىغان پىلىك تىۋىت ئىشلەپچىقىرىلدى، ئۇنىڭغا سۇ، شەربەت، جاڭيۇلار قىلچە يۇقمايدۇ، يامغۇر ياغقاندا يامغۇرلۇق كىيىم قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل «توزانسىز كىيىم» كۆپ قېتىم يۇيۇلسىمۇ ئىقتىدارى ئاجىزلىمايدۇ.