UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىمانگانلىق پولات

مانگانلىق پولات

پەن - تېخنىكا دۇنياسى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى كىيىدىغان پولات قالپاق يۇقىرى مانگانلىق پولاتتىن ياسىلىدۇ، ئۇ قاتتىق ئەۋرىشىم، ئادەتتە ئوق ۋە ئوسكولكا (سىنارەد پارچىسى) تېشەلمەيدۇ. مۇنداق پولات200 نەچچە يىللار بۇرۇنلا بولسىمۇ، ئۇ چاغلاردا ھېچكىم ئۇنى ئىشلىتىشنى خالىمايتتى، چۈنكى پولات تاۋلىغاندا ئۇنىڭغا مانگان ئارىلاشتۇرۇلسا، پولات قاتتىق بولغىنى بىلەن چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇ. پولاتقا مانگان قانچە كۆپ ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۇ شۇنچە چۈرۈكلىشىدۇ. پولات تەركىبىدىكى مانگان 5%.3 كە يەتسە، شۇنچە چۈرۈكلىشىپ كېتىدۇكى، مۇنداق پولاتنى ئەينەكمۇ سۇندۇرۇۋېتەلەيدۇ. كېيىن ئەنگلىيىلىك ياش مېتاللۇرگىست خايفرىد پولاتقا مانگان قوشقاندا زادى قانچىلىك چۈرۈكلىشىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى. ئۇ قايتا - قايتا تەجرىبە ئىشلىدى. پولات تەركىبىدىكى مانگان 13% كە يەتكەندە، قىزىق ئىش، مانگانلىق پولات ھەم قاتتىق، ھەم ئەۋرىشىم بولۇپ قالدى! شۇنىڭ بىلەن مانگانلىق پولاتنىڭ باھاسى يۈز ھەسسىلەپ ئۆسۈپ، مۇھىم سانائەت ماتېرىيالى بولۇپ قالدى. ھازىر تۆمۈريول رېلىسلىرىنىڭ كېسىشىش ئورۇنلىرى، ئېكسىكۋاتور (توپا قېزىش ماشىنىسى)نىڭ گۈرجىكى، پولات تۈگمەن، شارىكلىك قازان قاتارلىقلار مانگانلىق پولاتتىن ياسىلىدۇ. ھەربىي جەھەتتە، تانكا ۋە ئۇرۇش ماشىنىلىرىنىڭ برونېغىمۇ مانگانلىق پولات ئىشلىتىلىدۇ. مانگانلىق پولاتنىڭ يەنە بىر غەلىتە خۇسۇسىيىتى بار، ئۇ ℃ 850قىچە قىزدۇرۇلغاندا ئىنتايىن يۇمشاپ كېتىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەشمۇ ئاسانلىشىدۇ، تەركىبىدىكى مانگان مىقدارى %14 تىن ئاشقاندا ماگنىتقا تارتىلمايدۇ. كىشىلەر ئۇنى ھەربىي پاراخوتلارنىڭ رول بۆلۈمى ۋە كومپاسقا يېقىن تۇرىدىغان بارلىق تۆمۈر زاپچاسلارنى شۇنىڭدىن ياسايدۇ. چۈنكى، كومپاسنىڭ يېنىدىكى تۆمۈر زاپچاسلار ماگنىتلىنىپ قالسىلا، كومپاس ئىسترېلكىسى سەزگۈرلۈكىنى يوقىتىپ، تەرەپنى توغرا كۆرسىتەلمەيدۇ. يۇقىرى مانگانلىق پولاتتىن باشقا، كىشىلەر ھەمىشە قۇرۇلمىلارغا ۋە پۇرژىنىلارغا ئىشلىتىلىدىغان پولاتنىڭ تەركىبىگە ئاز مىقداردا مانگان ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ قاتتىقلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ ھەم ئەۋرىشىملىكىنى مۇۋاپىق دائىرىدە كونترول قىلىدۇ. ياشلار ياقتۇرىدىغان مانگانلىق پولات ۋېلىسىپىتلەرنىڭ گەۋدىسى مۇشۇنداق پولاتتىن ياسىلىدۇ. پولاتنىڭ چىڭلىقى ئاشقانلىقتىن، پولات تۇرۇبىلار نېپىزلىتىلسە، ۋېلىسىپىت زور دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ، مىنمەككە تېخىمۇ ئەپچىل بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
مانگانلىق پولات | UyghurWiki | UyghurWiki