UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىئالەم بوشلۇقىدىن سۈرەتكە تارتىپ كان ئىزدەش

ئالەم بوشلۇقىدىن سۈرەتكە تارتىپ كان ئىزدەش

پەن - تېخنىكا دۇنياسى يەر تەكتىدە قانچىلىك بايلىق بار؟ ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا شتاتىدا نېفىت بارمۇ؟ ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە مىس كانى بارمۇ؟... ئىلگىرى بۇلارغا ھېچكىم ئېغىز ئاچالمايتتى. ھازىر ئالەم بوشلۇقىدىن سۈرەتكە تارتىپ كان ئىزدەش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگىلى بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدىن سۈرەتكە تارتىش بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىشتىن تەرەققىي قىلغان. ئۇنىڭدا فوتو ئاپپارات سۈنئىي ھەمراھقا ئېلىپ چىقىلىپ، يەر شارى نەچچە يۈز كىلومېتىر يۇقىرى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلىدۇ. ھەربىر پارچە سۈرەت30 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۈنىگە يەر شارىنى14 قېتىم ئايلىنىپ،188 نۇقتا،1316 پارچە سۈرەت تارتقىلى، يەر يۈزىدىكى20 كۋادرات مېتىردىن چوڭراق جىسىملارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدىن سۈرەتكە تارتىشتا تېلېتېخنىكا قوللىنىلىدۇ. يەر يۈزى ۋە يەر تېگىدىكى نۇرغۇن ماددىلار ۋە يەر شەكىللىرى دولقۇن ئۇزۇنلۇقلىرى ھەر خىل بولغان قۇياش نۇرلىرىنى مۇئەييەن قانۇنىيەت بويىچە قايتۇرىدۇ. يەنى يەر شارىدىكى ھەرقانداق نەرسىنىڭ «بارماق ئىزى» بولىدۇ. نەتىجىدە، بىر پارچە فوتو سۈرەتتە ياشىرىپ تۇرغان ئۆسۈملۈك ۋە ئورمانلار ئوچۇق قىزىل رەڭدە، قۇرۇپ قالغان شاخلار كۈل رەڭ كۆك رەڭدە، پارقىراپ تۇرغان مېتاللار ئەكسىچە قاپقارا كۆرۈنىدۇ. لېمونت دەپ ئاتىلىدىغان تۆمۈر ئوكسىد مۇئەييەن دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى نۇرنى قايتۇرىدۇ. رەسىمدە بۇ ئالاھىدە «بارماق ئىزى» قالدۇرىدۇ. بۇ بارماق ئىزى يەر ئاستىدا مەلۇم كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئېلېكرونلۇق پرىبورلار بىلەن رەقەملىك سىگنالغا ئايلاندۇرۇلۇپ، يەر يۈزىگە يوللىنىدۇ. يەر ئۈستى پونكىتى سىگناللارنى ماگنىتلىق لېنتىغا خاتىرىلىۋېلىپ، كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىپ، رەڭگارەڭ ئالەم فوتو سۈرەتلىرىگە ئايلاندۇرىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئالەم بوشلۇقىدىن تارتىلغان فوتو سۈرەتلەرگە ئاساسەن، كومپيۇتېردا گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىلارنى تەھلىل قىلىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، تۆمۈر، نىكېل، مولىبىدېن، مىس قاتارلىق قىممەتلىك كان بايلىقى ۋە نېفىت بايلىقلىرىنى تاپتى. مەسىلەن، ئامېرىكا سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ، ئالياسكىدىن يېڭى نېفىتلىك بايقىدى؛ پاكىستان مىس كانى تېپىپ ۋە قېزىپ، ئۇنىڭ پورفىرى مىس رۇدىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى؛ ھىندونېزىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق تروپىك يامغۇرلۇق ئورمىنى بىلەن قاپلانغان يەرلەردىن نېفىت گازى ۋە ئۇران، مىس كان ياتمىلىرى تېپىلدى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى