UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىپاتقاق گازى

پاتقاق گازى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى سازلىق، يۇندى ئازگىلى، گەندە كۆلچىكى قاتارلىق يەرلەردە چوڭ - كىچىك كۆپۈكچىلەرنىڭ چىقىۋاتقىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ پاتقاق گازى. ئەگەر بۇ گاز ئەينەك بوتۇلكىغا يىغىۋېلىنىپ ئوت يېقىلسا كۆكۈچ يالقۇن چىقىدۇ. پاتقاق گازى ئارىلاشما گازدۇر، ئاساسىي تەركىبى مېتان، تەخمىنەن% 60 — 70% نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن قالسا% 30 ئەتراپىدا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد؛ يەنە ئازراق ھىدروگېن، ئازوت، ھىدروسولفىد، كاربون چالا ئوكسىد، سۇ پارى قاتارلىقلار بار. مېتان رەڭسىز، پۇراقسىز، تەمسىز گاز، ئۇنىڭ سېسىق پۇرىقى ھىدرو سۇلفىد قاتارلىق تەركىبلەردىن كېلىدۇ. پاتقاق گازىدىن پايدىلىنىپ چىراغ ياققىلى، تاماق ئەتكىلى بولىدۇ، پاتقاق گازىنى بېنزىن، دىزېل ماي ئورنىدا دۋىگاتېلغا ئىشلەتسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. دىزېل ماتورنى پاتقاق گازى ماتورىغا ئۆزگەرتسە، پاتقاق گازىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.6 كۋادرات مېتىر ئەتراپىدىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىدىن10 كىلوۋات/سائەت توك ئالغىلى بولىدۇ. ئادەم گەندىسى، ھايۋانات قېغى، يوپۇرماق، ئوت - چۆپلەرنى پاتقاق گازى كۆلچىكىگە قاچىلاپ ئۈستىنى ھىم ئېتىۋەتسە، مۇئەييەن تېمپېراتۇرا ئاستىدا مېتان باكتېرىيىلىرى تېز كۆپىيىدۇ، بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك - خىمىيىلىك رېئاكسىيىلەردىن كېيىن ئورگانىك ماددىلار پاتقاق گازىغا ئايلىنىدۇ. مىكرو جانلىقلاردىن پاتقاق گازى ھاسىل قىلىنسا، تاشلاندۇقلار گۆھەرگە ئايلىنىدۇ.10 كىلوگرام ئوت - چۆپ ئاران100 كىلوگرام سۇنى قاينىتالايدۇ،10 كىلوگرام ئوت - چۆپ پاتقاق گازىغا ئايلاندۇرۇلسا،180 كىلوگرام سۇنى قايناتقىلى بولىدۇ، يىلىغا2 مىليون توننا ئىسپىرت ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتتىن چىققان كېرەكسىز سۇيۇقلۇقنىڭ ھەممىسىدىن پاتقاق گازى ئىشلەنسە، يىلىغا11 مىليون كۇب مېتىر پاتقاق گازى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ8600 توننا كۆمۈرگە باراۋەر. پاتقاق گازى بايلىقى ئىنتايىن مول، ھەممىلا يەردە بار، يالغۇز ئادەم گەندىسىدىن ئىبارەت بىرلا تۈردىن پايدىلانسىمۇ،40 مىليون نوپۇسى بار بىر ئۆلكىدە يىلىغا8 .2 مىليارد كۇب مېتىر پاتقاق گازى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ9 .1 مىليون توننا بېنزىنگە تەڭ، پاتقاق گازى ئېلىنىپ بولغان گەندە يەنە ئېسىل ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
پاتقاق گازى | UyghurWiki | UyghurWiki