UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىدېھقانچىلىق زاۋۇتى

دېھقانچىلىق زاۋۇتى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى بۇ زاۋۇت كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە، دورا ماتېرىياللىرى ۋە گۈل - گىياھ قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئىشلەپچىقارغاچقا، «دېھقانچىلىق زاۋۇتى» دەپ ئاتىلىدۇ. دېھقانچىلىق زاۋۇتى دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە پارنىكقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭدا تۇپراققا تېرىشنىڭ، ئوچۇقچىلىقنىڭ ۋە يەر ئاغدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇ خۇددى زامانىۋىلاشقان زاۋۇتقا ئوخشاش بولۇپ، قاتار كەتكەن زاۋۇت ئۆيلىرىدە ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىلىرى بار، ئۇلار توختىماستىن ئايلىنىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپلىك بولىدۇ. تېرىشتىن ھوسۇل ئالغۇچىلىك پۈتۈنلەي ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېر ئاپتوماتىك كونترول قىلىدۇ، يورۇقلۇق، تېمپېراتۇرا، نەملىك، ئوغۇت ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ قويۇقلۇقى قاتارلىقلار ئوخشاش بولمىغان زىرائەتلەرگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشىلىدۇ، شۇڭا، «تەبىئەتتە نېمە بولسا شۇنى يېيىش» ھاجەتسىز، زېمىندىكى بارلىق زىرائەتلەر مەيلى شەرقىي شىمالنىڭ پۇرچىقى، جەنۇبنىڭ تۈگۈنەك قىچىسى، بېيجىڭنىڭ پەمىدۇرى، شىنجاڭنىڭ قوغۇنى قاتارلىقلارنى ئوخشاش بىر زاۋۇتتا، شۇنداقلا ئېھتىياجغا ئاساسەن ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. دېھقانچىلىق زاۋۇتىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلات لىنىيىسى ستېرېئولۇق بولۇپ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە كاھو (ئۇسۇڭ) ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، كاھونىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، بۇلار تۇپراق ۋە يورۇقلۇقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. ئەينەكتىن ياسالغان زاۋۇت ئۆيى قۇياش نۇرى بىلەن يۇقىرى بېسىملىق ناترىيلىق لامپىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق يورۇتۇلىدۇ، ھەتتا ئۆسۈملۈكلەرگە بىۋاسىتە مەلۇم خىل ھورمون ۋە ئۇلاردا كەم بولغان مىكرو ئېلېمېنتلار «ئوكۇل قىلىنىپ»، ئۆسۈملۈك تۈپى تېز ھەم ياخشى ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇنىڭ پىشىش مەزگىلى تالادا ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەردىن ئون نەچچە ھەسسە تېز بولىدۇ. دېھقانچىلىق زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت ئۆيلىرى ئالتە مەشغۇلات رايونىغا ئايرىلىدۇ. ئۇرۇق ئاۋۋال ياغاچ كېپىكى ۋە ئوغۇت يېيىتىلغان ئۆستۈرۈش تەخسىسىگە چېچىلىدۇ، ئۇرۇق دېرىزە ۋە يورۇقلۇق بولمىغان پارنىكتا بىخ چىقىرىدۇ. بىخ چىقارغاندىن كېيىن، ئۇزىتىش تاسمىسى ئارقىلىق ئەينەك پارنىكقا يەتكۈزۈلىدۇ. يورۇتۇش، يىلتىزىنى چىڭىتىش، تېمپېراتۇرىنى تىزگىنلەش، مۇھىتنى كونترول قىلىش قاتارلىق پەرۋىشلەر ئارقىلىق، ئالتىنچى كۈنى، كۆكتاتلار پارنىكتىكى تولۇق جەرياننى بېسىپ تۈگىتىپ، ئۇزىتىش تاسمىسىدىن ئايرىلىپ، ھوسۇل رايونىغا كىرىدۇ، بۇ جايغا كەلگەندە، يۇمران كۆكتاتقا ئايلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن بازارغا سېلىشقا بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، كۈندە تېرىپ كۈندە ھوسۇل ئالغىلى، يىل بويى تۈرلۈك يېڭى كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز ۋە مېۋىلەر بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. دېھقانچىلىق زاۋۇتىدىكى «ئوغۇت» كۆپ خىل ئوزۇقلۇق سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق دېھقانچىلىق دورىسى، ئوت يوقىتىش دورىسى ۋە دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلىتىلمەيدۇ، ھەتتا ھاۋامۇ ئىنچىكىلىك بىلەن سۈزۈلگەندىن كېيىن كىرگۈزۈلىدۇ، شۇڭا دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقىدىن غەم قىلىشنىڭ، سۇدا يۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوزۇقلۇقى ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆرۈنۈشى ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ. دېھقانچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئورۇن ۋە كىلىمات شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، كىشىلەر ئولتۇراق رايونى، مېھمانخانا، يېمەكلىك زاۋۇتى ھەمدە تاللا بازارلىرى ئەتراپلىرىدا ئۆزلىرىگە لازىملىق زىرائەتلەرنى مەخسۇس ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى
دېھقانچىلىق زاۋۇتى | UyghurWiki | UyghurWiki