UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىمېتانول بېنزىن

مېتانول بېنزىن

پەن - تېخنىكا دۇنياسى 6 - «بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە ئېلىمىز بىر خىل يېڭى ئاپتوموبىل يېقىلغۇسىنى تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئۇ ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈنۈمى ۋە كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۇنداق يېقىلغۇنى ئىشلەتكەن بىر يۈك ئاپتوموبىلى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن5 .0 توننا بېنزىن تېجەيدۇ. بۇ يېقىلغۇ ھەم بېنزىن سىلىندىر ئىچىدە يانغان چاغدىكى پارتلاش ھادىسىسىنى ياخشىلايدۇ، ھەم تەركىبىدە قوغۇشۇن بار بېنزىننىڭ مۇھىتنى قوغۇشۇن بىلەن بۇلغىشىنى يوقىتىدۇ. مانا بۇ مېتانول بېنزىنىدۇر. مېتانول بېنزىننىڭ «مىجەزى» بېنزىنگە ئوخشايدۇ.1 كىلوگرام مېتانول تولۇق يانغاندا ھاسىل بولىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى بېنزىننىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، بىراق، مېتانول بېنزىنگە ئوخشاش ئوڭاي «ئاچچىقلانمايدۇ»، ئۇ ماتورنىڭ سىلىندىرى ئىچىدە خېلى زور قىسىشقا چىداپ، خېلى يۇقىرى مېخانىك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، مېتانول بىلەن بېنزىننىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولسىلا، بىر - بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلىپ، يېتەرسىز يەرلىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا چەت ئەللەردە بېنزىننىڭ ئورنىغا مېتانولنى دەسسىتىش تەتقىقاتى باشلاندى. نەتىجىدە، بېنزىنگە% 10 − %125 مېتانول ئارىلاشتۇرۇلسا، ئاپتوموبىل ماتورىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. بۇ يېقىلغۇنى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئېلىمىز »ئازاد« ماركىلىق ئاپتوموبىلغا مېتانول ساندۇقى ئورنىتىپ تەجرىبە قىلىپ، مېتانولنى كاربيۇراتور (بېنزىننى گازغا ئايلاندۇرغۇچ)غا بىۋاسىتە پۈركۈپ، مېتانول بىلەن بېنزىننى كاربيۇراتوردا ئارىلاشتۇردى. مۇئەييەن نىسبەت ئاستىدا، ئاپتوموبىلنىڭ ئوت ئېلىش، تېزلىتىش، دۆڭگە يامىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ياخشى بولدى، بېنزىنىمۇ تېجەلدى. مېتانولنىڭ مەنبەسى كەڭ. سۈپەتسىز كۆمۈر، تەبىئىي گاز، مايلىق قۇم، ياغاچ قىرىندىسى، ھەتتا ئەخلەتلەردىن، ئىشقىلىپ كاربون چالا ئوكسىد ۋە ھىدروگېن ئېلىشقا بولىدىغانلىكى ماددىلاردىن مېتانول ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېتانول ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى ئاددىي، ئۈسكۈنىلىرى ئىخچام، مەھسۇلاتنى توشۇش قۇلاي، ھەر كىلوگرام ياغاچ تاشلاندۇقلىرىدىن6 .0 كىلوگرام مېتانول ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، مەملىكەت بويىچە ياغاچ تاشلاندۇقلىرى ھەر يىلى1 مىليون توننىدىن ئارتۇق مېتانول ئىشلەپچىقىرىشقا يېتىدۇ؛ كۈنىگە7000 توننا تۆمۈر ئېرىتمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان دومنىمەش قويۇپ بەرگەن ئىستىن2000 توننا مېتانول ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، كۆمۈر، لەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مېتانولنىڭ تۈگىمەس خام ئەشياسىدۇر
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى