رۇدىدىن پولات - تۆمۈرگىچە
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
پولات بىلەن تۆمۈر «قوشكېزەك ئاكا - ئۇكا» لار. ئىككىلىسىنىڭ ئاساسىي تەركىبى تۆمۈر، پەرقى شۇكى، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى كاربون مىقدارى ئوخشىمايدۇ، كاربون مىقدارى پولات - تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۆمۈر قازان ياسىلىدىغان ماتېرىيال چويۇن دېيىلىدۇ. تەركىبىدىكى كاربون ئەڭ كۆپ، %7.1 تىن ئاشىدۇ، ئۇ ھەم قاتتىق، ھەم چۈرۈك، ئاسان سۇنىدۇ. چۆمۈچ تۆمۈردىن ياسىلىدۇ، تەركىبىدىكى كاربون%2.0 تىن تۆۋەن بولىدۇ، ئەۋرىشىم ۋە ئاسان سۇنمايدۇ. قىڭراقنىڭ بىسى پولاتتىن ياسىلىدۇ، تەركىبىدىكى كاربون%2.0 تىن %7.1 كىچە بولىدۇ. ئەۋرىشملىكىمۇ، قاتتىقلىقىمۇ ناھايىتى ياخشى.2000
نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ئېلىمىزدە پولات - تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرلىرىدە جېجياڭنىڭ ۋۇكاڭ (ھازىرقى دېجىڭ ناھىيىسى) تەۋەسىدە بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بولۇپ، ئەرنىڭ ئىسمى گەنجياڭ، ئايالنىڭ ئىسمى مويې ئىكەن، ئۇلار تۆمۈر تاۋلاپ خەنجەر قۇيىدىكەن، قۇيغان خەنجەرلىرى بەكمۇ ئىتتىك ئىكەن. كېيىنكىلەر ئۇلارنى خاتىرىلەپ، ئۇلار تۆمۈر تاۋلىغان ھېلىقى تاغنى موگەنشەن تېغى دەپ ئاتاپتۇ.
ھازىرقى كۈندە تۆمۈر دومنا پېچتا تۆمۈر رۇدىسىدىن تاۋلاپ چىقىلىدۇ.℃1100 لۇق پېچتا ئوكسىگېن«تالىشىش جېڭى» يۈز بېرىدۇ: ئىسسىق شاماللىق پېچتىن كەلگەن ئىسسىق شامالدا پېچ تېگىدىكى كوكۇس يېنىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا ئايلىنىپ، ھاۋا بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ؛ پېچنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قىزىق كوكۇس قاتلىمىغا دۇچ كېلىپ، كاربون چالا ئوكسىد ئايلىنىدۇ. تۆمۈر رۇدىسىدا تۆمۈر بىلەن ئوكسىگېن چىڭ بىرلەشكەن بولىدۇ، ئەمما، ئوكسىگېن كاربون چالا ئوكسىد بىلەن تېخىمۇ ئوڭاي بىرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، كاربون چالا ئوكسىد تۆمۈر رۇدىسىدىن ئوكسىگېننى قارىتىۋېلىپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا ئايلىنىدۇ، تۆمۈر ئەسلىگە قايتىدۇ. پېچنىڭ ئاستىدىكى ئېغىزنى ئاچقاندا، قىزىق تۆمۈر سۇيۇقلۇقى «ئوت ئەجدىھا» دەك ئېتىلىپ چىقىدۇ.
پولات تاۋلاشتا چويۇن تەركىبىدىكى بىر بۆلەك كاربون چىقىرىپ تاشلىنىپ، تەركىبىدىكى كاربون مىقدارى بەلگىلەنگەن دائىرىگە تۆۋەنلىتىلىدۇ.
پولات تاۋلاش پېچى ئايلانما پېچ، مارتىن پېچ (تۇز پېچ) ۋە ئېلېكترىك پېچ دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بار، ئۇلاردا ھەر خىل پولاتلارنى تاۋلىغىلى بولىدۇ، چوغلانغان تۆمۈر سۇيۇقلۇقى ئايلانما پېچ ياكى مارتىن پېچقا قۇيۇلۇپ، تېگىدىن ئىسسىق شامال بېرىلىدۇ، تېمپېراتۇرا℃ 1800 قا يەتكەندە، چويۇن تەركىبىدىكى كاربوننىڭ كۆپ قىسمى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچرىشىپ كۆيۈپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا ئايلىنىپ چىقىپ كېتىدۇ، قىسمەن تۆمۈر ۋە باشقا ئارىلاشما ماددىلار، مەسىلەن، سىلىتسىي، فوسفور، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار داشقالغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، پولات سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبى تەلەپكە يەتكەندە پولات بولۇپ چىقىدۇ. ئېلېكترىك پېچتا پولات تاۋلاشقا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى كۆپ كەتكەچكە، تەننەرخى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئۇ ئالىي دەرىجىلىك پولات ماتېرىياللىرىنى تاۋلاشقا باب كېلىدۇ، فوسفور بىلەن گۈڭگۈرت پولات تەركىبىدىكى زىيانلىق ماددىلار، ئۇلار پولاتنى چۈرۈكلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قايسى ئۇسۇلدا تاۋلانمىسۇن، ھەممىسىدە پولات تەركىبىدىكى فوسفور، گۈڭگۈرت مىقدارى قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ.