UyghurWiki
UyghurWikiپەن-تېخنىكا دۇنياسىقالدۇق ئىسسىقلىق پار قازىنى

قالدۇق ئىسسىقلىق پار قازىنى

پەن - تېخنىكا دۇنياسى قالدۇق ئىسسىقلىقمۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ كۆپ قىسمى بىكاردىن - بىكار زايە بولۇپ كېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە،255 كۋادرات مېتىرلىق كىچىك تىپتىكى دومنىمەشنىڭ ھەر يىلى تۆمۈر سۇيۇقلۇقى بىلەن بىللە قويۇپ بېرىدىغان قالدۇق ئىسسىقلىقى2 مىليون توننىدىن ئارتۇق ساپ كۆمۈرنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. قالدۇق ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىدىغان پار قازان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا قېچىپ كېتىۋاتقان ئىسسىقلىقنى «تۇتۇپ» قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرىدۇ. دائىم ئىشلىتىلىدىغان پار قازاندا، پار قازاننىڭ ئىچىگە نۇرغۇن ئوخشاش پولات تۇرۇبىلاردىن ئىسسىقلىق قوبۇل قىلغۇچ (قىزىغۇچ) قۇراشتۇرۇلىدۇ، كېرەكسىز ئىسسىقلىق ۋە گازلار تۇرۇبىنىڭ بىر ئۇچىدىن كىرىپ يەنە بىر ئۇچىدىن چىقىدۇ، بۇ جەرياندا ئىسسىقلىقنى رادىئاتسىيە شەكلىدە پار قازانغا بېرىپ، پار قازان ئۈستىدىكى گاز خالتىسىدا پار ھاسىل قىلىدۇ، بۇ پار ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ پرىنسىپى پارۋاينىڭ ئۈستىگە قويۇلغان تاماق قاچىسىغا ئوخشاپراق قالىدۇ، ئىسسىق سۇ پارۋايدىن ئۆتۈپ ئۆينى ئىسسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاچىدىكى تاماقنىمۇ ئىسسىتىدۇ. قالدۇق ئىسسىقلىق پار قازىنى چەت ئەللەردە كېرەكسىز ئىسسىقلىق پار قازىنى دېيىلىدۇ. ئۇ زاۋۇتلاردا «ئىككى خىل ئىشقا سېلىنىدۇ». مەسىلەن، سۇلفات كىسلاتا زاۋۇتىدا سۇلفات كىسلاتاسى ئىشلىگەندە، گۈڭگۈرتلۈك تۆمۈر رۇدىسى كۆيۈپ تەخمىنەن ℃1000 ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ، تەركىبىدە گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد بار بۇ يۇقىرى ھارارەتلىك گاز℃ 400 تىن تۆۋەن سوۋۇتۇلۇپ، ئوكسىدلىنىدۇ. بۇ يەردە بىر قالدۇق ئىسسىقلىق پار قازىنى قۇرۇلسا ھەم ئۇنى سوۋۇتقۇچ قۇرۇلما قىلغىلى، ھەم پار ھاسىل قىلغۇچى پار قازىنى قىلغىلى بولىدۇ. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ خاڭجۇ سۇلفات كىسلاتا زاۋۇتىدىكى سېخقا بىر قالدۇق ئىسسىقلىق پار قازىنى ئورنىتىلغان،1 توننا سۇلفات كىسلاتاسى ئىشلەپچىقارغاندا1 توننا پار ھاسىل بولىدۇ. بىر يىلدا1000 توننىدىن كۆپرەك يېقىلغۇ ماي تېجىگىلى بولىدۇ. شاڭخەي2 - پولات زاۋۇتىنىڭ قىزدۇرۇش مېشى ئۈستىگە بىر قالدۇق ئىسسىقلىق پار قازىنى ئورنىتىلغان، سائىتىگە50 توننا پار ھاسىل قىلىپ، شۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشقا كېرەكلىك بارلىق پارىنى تەمىنلەپلا قالماي، قوشنا25 زاۋۇتنىمۇ تەمىنلەپ، بۇ زاۋۇتلارنىڭ كۆمۈر يېقىلىدىغان30 نەچچە پار قازاندىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئۈچۈن يىلىغا40 مىڭ توننىدىن ئارتۇق كۆمۈر تېجەپلا قالماي، مۇھىت بۇلغىنىشنىمۇ تۆۋەنلەتتى.
← بارلىق تېمىلار پەن-تېخنىكا دۇنياسى