ھاۋا پۈركۈپ توقۇش
پەن - تېخنىكا دۇنياسى
ھاۋا پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسىنى ئېلىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ياسىغان. شۇنىڭدىن تارتىپ رەخت توقۇشتا موكا ئىشلىتىلمەيدۇ.
ھاۋا پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسىدا پۈركۈلگەن ھاۋا ئېقىمى بۇرۇنقى توقۇش ماشىنىسىدىكى موكا ئورنىدا ئارقاق تارتىلىپ توقۇلىدۇ. ئۇنىڭدا ھاۋا ناسوس بىلەن قىسىلىپ، پۈركۈش تۇرۇبىسىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق كۈچلۈك ھاۋا ئېقىمى ھاسىل قىلىنىدۇ، ھاۋا ئېقىمىنىڭ يىپقا سۈركىلىشى بىلەن غالتەككە ئورالغان ئارقاق پۈركۈش تۇرۇبىسىنىڭ يانلىرىدىكى تۆشۈكچىلەردىن چىقىپ، رەختنىڭ بىر تەرىپىدىن يەنە بىر تەرىپىگە بارىدۇ.
موكا بىلەن توقۇش ماشىنىسىدا، موكا ئارقاقنى ئالدى - كەينىگە سۆرەيتتى، پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسىدا بولسا پۈركۈلگەن ھاۋا ئارقاقنى بىرلا تەرەپكە تارتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىكى پىچاق ئارقاقنى ئاپتوماتىك كېسىدۇ. ھاۋا ئېقىمى ھەر قېتىم تارتىدىغان يىپنىڭ ئۇزۇنلۇقى ماشىنىغا ئورنىتىلغان ئۇزۇنلۇقنى بەلگىلىگۈچى قۇرۇلما تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ، ئاندىن گىرۋەك توقۇش قۇرۇلمىسى يىپ كېسىلگەندە رەختنىڭ يېنىدىن چىقىپ قالغان يىپ ئۇچلىرىنى رەختكە كىرگۈزۈپ توقۇپ، گىرۋەكنى سىپسىلىق قىلىۋېتىدۇ.
پۈركۈپ توقۇش ماشىنىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، دېتاللىرى ئادەتتىكى ئاپتوماتىك توقۇش ماشىنىلىرىنىڭكىدىن تۆتتىن بىرى ئاز. سۈرئىتىمۇ يۇقىرى، ئارقاقنى مىنۇتىغا400 قېتىمدىن ئارتۇق تارتىدۇ، شۇنىڭدەك مۇنداق ماشىنىدا ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەر، موكا قېچىپ چىقىش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ.