ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنى
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ھەرقانداق شەيئى تۈز سىزىق بويىچە ئەمەس، مۇئەييەنلەشتۈرۈش − ئىنكار قىلىش − يەنە ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت ئەگرى سىزىق بويىچە تەرەققىي قىلىدۇ، بۇ ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنىدۇر.
مۇئەييەنلەشتۈرۈش شەيئىنىڭ ھازىرقى خۇسۇسىيىتىنى ساقلىشىنى، ئىنكار قىلىش شەيئىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىنكار ئامىللىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئامىللىرىنى يېڭىپ، شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىنكار باسقۇچىغا يېڭى ئىنكار ئامىللىرى يوشۇرۇنغان بولىدۇ، يېڭى ئىنكار ئامىللىرى ئاستا - ئاستا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن شەيئى ئىنكارنى ئىنكار قىلىش جەريانىدىن ئۆتۈپ، يېڭى ئىنكار باسقۇچىغا يېتىدۇ، مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ، شەيئى تەرەققىي قىلىدۇ.
ئىنكارنى ئىنكار قىلىش باسقۇچىدا، ھەمىشە كونا ئىنكار باسقۇچىنىڭ بەزى خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك ۋە خاھىشلىرى كۆرۈلۈپ قالىدۇ. بىراق، بۇ ئىزىغا دەسسەش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچ ئاساسىدىكى تەكرارلىنىشتۇر. مەسىلەن، كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن دەم ئېلىشى ئىنكارنى ئىنكار قىلىش جەريانىدۇر، ئۆگىنىش مۇئەييەنلەشتۈرۈش جەريانى، دەم ئېلىش ئۆگىنىشنى ئىنكار قىلىش، قايتىدىن ئۆگىنىش يەنە دەم ئېلىشنى ئىنكار قىلىش ھېسابلىنىدۇ. قايتىدىن ئۆگىنىش قارىماققا كونا ئۆگىنىشنىڭ تەكرارىدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى، قايتا ئۆگىنىش باسقۇچىدا بىلىم ئاشىدۇ، مەزمۇن كۆپىيىدۇ. يەنە بىر مىسال: دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشى: «دان − تېرىش، ئۆسۈش − دان» دىن ئىبارەت. ھوسۇلدىكى دان ھەرگىز تېرىغان دان ئەمەس، گەرچە ئۇلارنىڭ شەكلى ئوخشىسىمۇ، سانى ھەسسىلەپ كۆپ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، يېڭى ئۇرۇقلۇق ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدۇ، ئىشلىتىش ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ. دېمەك، «ئىنكارنى ئىنكار قىلىش» شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىيىتىدۇر.