UyghurWiki
UyghurWikiپەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرىئاڭنىڭ ئىجتىمائىيلىقى

ئاڭنىڭ ئىجتىمائىيلىقى

پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى ئاڭ ئادەمگە خاس نەرسە، ئەڭ ئەقىللىق ھايۋانلاردا پسىخىكىلىق پائالىيەت بولسىمۇ، ئاڭ بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئېڭى ئىجتىمائىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى، كىچىكىدىن «جەمئىيەتتىن ئايرىلغان ئادەم» دە ئاڭ بولمايدۇ، ئۇلارنى ئادەم دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئادەم قوراللاردىن ئاڭلىق، مەقسەتلىك پايدىلىنىپ، مۇھىتنى، دۇنيانى ئۆزگەرتىدۇ، ئىجتىمائىي ئەمگەك ئاڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. ئۆي سېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال مېڭىدە ئۆينىڭ ئىزناسىنى، چېرتيوژىنى سىزىۋېلىش كېرەك، ئادەمدە ئاڭلىق پائالىيەت بولمىسا، مۇنداق قىلالمايدۇ. ئىپتىدائىي ئادەمسىمان مايمۇنلار زىچ ماسلىشىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئويىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش، ئۆزىمۇ باشقىلارنىڭ ئويىنى بىلىش ئېھتىياجى تۇغۇلغان، شۇنىڭ بىلەن تىل پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەپەككۇرىمۇ بارا - بارا جانلانغان، چوڭ مېڭە فۇنكسىيىسى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ، ئابستراكت تەپەككۇر قابىلىيىتى شەكىللەنگەن. نەتىجىدە ھايۋانلارنىڭ پسىخىكىسى ئادەمنىڭ ئېڭىغا تەرەققىي قىلغان. بۇ ئاڭ باشتىلا جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلمايدۇ. مەسىلەن،1989 - يىلى نەنجىڭدە بىر ئائىلە بايقالغان، ئاتا - ئانا روھىي كېسەل بولغاچقا، ئۈچ بالىسىنى ئۆيگە قامىۋېلىپ، جەمئىيەتتىن ئايرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراپ، زېھنى تۆۋەن دەرىجىدە توختاپ قالغان.19 ياشلىق چوڭ ئادەمنىڭ ئەقلى ئادەتتىكى5 ياشلىق بالىغىمۇ يەتمىگەن.
← بارلىق تېمىلار پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ئاڭنىڭ ئىجتىمائىيلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki