شەيئىلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالاقىسى
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
بىر توپ بېلىق شەھەر يېنىدىكى كۆلچەكتە قوغلىشىپ ئويناۋاتاتتى، ئارىدىن بىرى تۇيۇقسىز: «چاتاق بولدى، شەھەر دەرۋازىسىغا ئوت كەتتى، بالا - قازا كېلىۋاتىدۇ، چاپسان قاچايلى!» دەپ توۋلىدى. لېكىن، باشقا بېلىقلار بۇنىڭغا ئىرەن قىلمىدى. بۇ چاغدا ئوت ئۆچۈرىدىغان كىشىلەر يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، كۆلچەكتىن سۇ ئالغىلى تۇرۇشتى، نەتىجىدە ئوت ئۆچتى، كۆلچەكتىكى سۇمۇ تۈگىدى، قالغان بېلىقلار تالاپەتكە يولۇقتى. بۇ مەسەل «شەھەر دەرۋازىسىغا ئوت كەتسە، كۆلچەكتىكى بېلىقلار بالا - قازاغا ئۇچراپتۇ» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ مەسەل بىزگە شەيئىلەر ئۆزئارا باغلىنىشلىق بولىدىغانلىقىنى، بەزىلىرى ئوت بىلەن بېلىققا ئوخشاش، بىر - بىرىگە ئالاقىسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئارىلىقتىكى ھالقا − ئوت ئۆچۈرۈش ئۈچۈن سۇ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋەتلەشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شەيئىلەر ئارا مۇناسىۋەت، مەيلى تەبىئەت دۇنياسىدا ياكى ئىنسانلار جەمئىيىتىدە بولسۇن، ئومۇميۈزلۈك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدا قۇياش، يەر شارى، ئاي ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار. كۈن نۇرى، ھاۋا، سۇ بىلەن ئۆسۈملۈك، ھايۋان، ئىنسانلارنىڭ ئالاقىسى زىچ. ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ھېچقانداق ئادەم يەككە - يېگانە ياشىيالمايدۇ، باشقىلار بىلەن ئازدۇر - كۆپتۇر ئالاقىدە بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلار ئاتا - ئانىسىنىڭ بېقىشىدىن، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيىسىدىن، دېھقانلار تەمىنلىگەن يېمەكلىكلەردىن، ئىشچىلار ئىشلەپ چىقارغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن، بىر تۇتاش مۇلازىمەتلەردىن ئايرىلالمايدۇ. شۇڭا، بارلىق ئادەملەر ئىجتىمائىي «ئادەم»، ئادەم جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
بۇ پەلسەپىۋى قائىدە بىزگە شەيئىلەرنى بىر پۈتۈنلۈك نۇقتىئىنەزىرى بىلەن كۆزىتىشنى، دەرەخنى كۆرۈپ ئورماننى كۆرمەي، قىسمەننى كۆرۈپ ئومۇمنى كۆرمەي قالماسلىقنى، مۇناسىۋىتى يوقتەك شەيئىلەرنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ كۆزەتكەندىلا، دۇنيانى توغرا تونۇغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.