UyghurWiki
UyghurWikiپەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرىئىدېئالىزم

ئىدېئالىزم

پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى ئىدېئالىزم ئىككى چوڭ پەلسەپە ئېقىمىنىڭ بىرى، ماددا بىلەن روھنىڭ قايسىسى بىرلەمچى، قايسىسى ئىككىلەمچى دېگەن مەسىلىدە ئۇ روھ بىرلەمچى، ماددا ئىككىلەمچى، دۇنيادىكى ھەممە مەۋجۇدات روھتىن كەلگەن، سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى پەيدا قىلىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. ئىدېئالىزمدىكى «ئىدىيە» روھ، پىكىرنى كۆرسىتىدۇ. ئىدېئالىزم دۇنيانىڭ ماھىيىتى روھ دېگەن پەلسەپە نەزەرىيىسىدە چىڭ تۇرىدۇ. يۇنان پەيلاسوپى ئەپلاتون روھ ماددىنى پەيدا قىلىدۇ، رېئال دۇنيا روھنىڭ سايىسىدىن ئىبارەت، روھ بولمىسا ماددا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالدىمىزدىكى پارتا پارتا ھەققىدىكى روھنىڭ سايىسى ئىمىش، بىز تۇرۇۋاتقان ئۆي ئۆي ھەققىدىكى روھنىڭ سايىسى ئىمىش. ئېلمىزنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بىرنەچچە راھىب بايراقنىڭ شامالدا پۇلاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بىرى «بۇنى شامال ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتىدۇ» دەپتۇ، يەنە بىرى «بايراقنىڭ ئۆزى ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ» دەپتۇ. ئۈچىنچىسى «ياق، يۈرەك ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ» دەپتۇ. ئەپلاتون بىلەن ئۈچىنچى راھىبنىڭ قارىشى ئىدېئالىزمدۇر. چۈنكى ئۇلار روھ ماددىنى پەيدا قىلىدۇ دېگەننى تەكىتلەيدۇ، سۇبيېكتىپ پەرەزنى ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەت ئورنىغا دەسسىتىدۇ، يەنى دۇنيانى توغرا تونۇمايدۇ، ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئۈنۈملۈك ئۆزگەرتىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئاددىي بىر مىسال ئالايلى: بىر كىشىنىڭ قورسىقى ئېچىپ، بىرەر نەرسە يېمەكچى بولسا، روھقا قورسىقى تويمايدۇ. ئىدېئالىزم ماددا بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، روھ بىرلەمچى دەيدۇ. شۇڭا، ماركس ئىدېئالىزمنى بېشى تۆۋەن، پۇتى ئۈستۈن پەلسەپە دەپ ئاتىغان. ئىدېئالىستىك ئىدىيە پەيدا بولۇشنىڭ مەنبەسى ئىككى: بىرى، تارىخىي سەۋەب، يەنە بىرى، ئىجتىمائىي سەۋەب. مەسىلەن، ئىپتىدائىي ئادەملەر شامال چىقىش، يامغۇر يېغىش قاتارلىق تەبىئىي ھادىسىلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەچكە، ئۇنى روھنىڭ رولىدىن كۆرۈپ، دۇنيانى تەبىئەتتىن تاشقىرى روھىي كۈچ تىزگىنلەپ تۇرىدۇ دەپ قاراپ، روھتىن ياردەم تىلەيتتى، بۇ ئىدېئالىزم پەيدا بولۇشىنىڭ تارىخىي سەۋەبى. ئىدېئالىزم بىر پەلسەپىۋى سىستېما سۈپىتىدە، سىنىپىي جەمئىيەت پەيدا بولغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن. سىنىپىي جەمئىيەتتە جىسمانىي ئەمگەك بىلەن ئەقلىي ئەمگەكنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە زىددىيىتى بارلىققا كېلىپ، ئەقلىي ئەمگەك ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىمتىيازىغا ئايلاندى. ھۆكۈمران سىنىپلار جىسمانىي ئەمگەكنى پەس كۆرۈپ، روھىي پائالىيەتنىڭ رولىنى كۆپتۈردى. مانا بۇ ئىدېئالىزم پەيدا بولۇشىنىڭ ئىجتىمائىي مەنبەسىدۇر.
← بارلىق تېمىلار پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى