شەيئىلەرنىڭ «ئۆلچىمى» − سۈپەت، سان، مىقدار
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرىدىغان «ئۆلچىمى» بولىدۇ، بۇ شەيئىلەرنىڭ سۈپىتى، سانى، مىقدارىدىن ئىبارەت.
ھەرقانداق شەيئىنىڭ سۈپەت مۇئەييەنلىكى بولىدۇ، ئۇ شەيئىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. موي قەلەمنىڭ سۈپەت مۇئەييەنلىكى ئۇنىڭ قېرىنداش ئەمەس، موي قەلەم ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، قەغەزنىڭ سۈپەت مۇئەييەنلىكى ئۇنىڭ رەخت ئەمەس، قەغەز ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شەيئىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۇ ئىچىگە ئالغان زىددىيەت بەلگىلەيدۇ. بىرەر شەيئىنىڭ سۈپىتى ئۆزگەرسە، شۇ شەيئى مەۋجۇت بولمايدۇ. مۇز ئېرىپ سۇ بولسا، مۇز مەۋجۇت بولمايدۇ.
سانمۇ شەيئىلەرنىڭ بىر خىل مۇئەييەنلىكى، ئۇ شەيئىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆلىمى ۋە تەرەققىيات دەرىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، ئۇنى كۆپ - ئاز، چوڭ - كىچىك، ئېگىز - پەس، ئۇزۇن - قىسقا، ئېغىر - يېنىك، تېز - ئاستا قاتارلىقلارنى بىلدۈرىدىغان سانلار بىلەن ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. ھەرقانداق سان مۇئەييەن شەيئىلەرنىڭ سانى بولۇپ، شەيئىدىن ئايرىلمايدۇ. ئوخشاشمىغان شەيئىلەر سانىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاشمايدۇ: مۇساپە ئۇزۇنلۇق بىلەن، يەر يۈز (مەيدان) بىلەن، ئالتۇن ئېغىرلىق بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سانمۇ شەيئىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، سۈپىتى ئوخشاش شەيئىلەر سانى بىلەن پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن، بىنانىڭ ئېگىز - پەس پەرقى بولىدۇ، ئوخشاش بىر سايماننىڭ كونا - يېڭى پەرقى بولىدۇ. ھەرقانداق شەيئى سان بىلەن سۈپەتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقىنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت. ھەرقانداق سۈپەت مۇئەييەن ساننى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، ھەرقانداق سان مۇئەييەن سانغا بېقىنىدۇ، سۈپىتى يوق سانمۇ، سانى يوق سۈپەتمۇ بولمايدۇ.
مىقدار (چەك) مۇئەييەن شەيئىنىڭ سۈپەت مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان سان چېكىدۇر. ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئۆز مىقدارى بولىدۇ، مۇئەييەن مىقدار چېكى دائىرىسىدە سان ئۆزگىرىشى شەيئىنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. بۇ مىقدار (چەك)دىن ھالقىپ كەتكەن ھامان، سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىر شەيئى باشقا بىر شەيئىگە ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن، نورمال ئاتموسفېرا بېسىمىدا ℃0— ℃100 چەك ئىچىدە سۇ سۇيۇق ھالىتىنى ساقلايدۇ. ℃0 تىن تۆۋەن ياكى ℃100 تىن يۇقىرى چەككە يەتكەندە، سۇ مۇز ياكى ھورغا ئايلىنىدۇ. كىشىلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا مىقدارنى ئىگىلىشى كېرەك. مىقدارغا دىققەت قىلمىسا سەۋەنلىك كېلىپ چىقىدۇ، مىقداردىن (چەكتىن) ئېشىپ كەتسە، شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.