UyghurWiki
UyghurWikiپەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرىقارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى قانۇنى

قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى قانۇنى

پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى زىددىيەت شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. دۇنيادىكى بارلىق شەيئى ۋە جەريانلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ھەم بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغان قارىمۇ قارشى ئىككى تەرەپ بولىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ ھەم بىرلىككە كېلىدۇ، ھەم كۈرەش قىلىدۇ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە شەيئىلەر ئۆزگىرىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. زىددىيەت قارىمۇ قارشى تەرەپلەردىن تەشكىل تاپىدۇ، زىددىيەتنىڭ قارىمۇ قارشى ئىككى تەرىپىنىڭ ھەم بىرلىكى، ھەم كۈرىشى بولىدۇ. زىددىيەتنىڭ بىرلىكى دېگىنىمىز، بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە بېقىنىدىغانلىقى، سىڭىشىدىغانلىقى، بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغانلىقى، بىر تەرىپى بولمىسا، يەنە بىر تەرىپىمۇ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئىنتىزام بولمىسا، ئەركىنلىك بولمايدۇ؛ توغرا بولمىسا، خاتا بولمايدۇ؛ ئىلغارلىق بولمىسا، قالاقلىق بولمايدۇ ... ئەكسىچە ئېيتقاندىمۇ شۇنداق. زىددىيەتنىڭ كۈرەشچانلىقى دېگىنىمىز، بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغانلىقى، ئۆزئارا قارىمۇ قارشى ئىكەنلىكى، بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ بىر - بىرىدىن يىراقلىشىش يۈزلىنىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. زىددىيەت بولىدىكەن، كۈرەش بولىدۇ، فىزىكىلىق ھادىسىلەردىكى تەسىر ۋە ئەكس تەسىر، جانلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش، ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى توغرا ۋە خاتا، ئىلغارلىق ۋە قالاقلىقنىڭ كۈرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ كۈرىشىدۇر. زىددىيەتنىڭ كۈرەش شەكلى خىلمۇخىل بولىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر، بوران - چاپقۇندەك ئىپادىلىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ھايات - ماماتلىق جەڭ؛ ئاجىز، سىم - سىم يامغۇردەك ئىپادىلىنىشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن، يولداشلار ئارا تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد ياكى ئائىلىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلىھەتلىشىش قاتارلىقلار. بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپنىڭ ھەم بىرلىككە كېلىپ، ھەم كۈرەش قىلىشى قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگىرىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تەڭ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ ئاساس بولۇپ، يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپى ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە بىر تەرىپى ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، بېقىنىش ئورنىدا تۇرىدۇ، ئۇ زىددىيەتنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى تەرىپى ھېسابلىنىدۇ. شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئاساسەن زىددىيەتنىڭ يېتەكچى ئورۇندىكى ئاساسىي تەرىپى بەلگىلەيدۇ. بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغانلىقى، ئۆزئارا كۈرەش قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدىكى زىت ئىككى تەرەپنىڭ كۈچلىرىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، زىددىيەتنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى تەرىپى بارا - بارا كۈچىيىپ، ئەسلىدىكى ئاساسىي تەرەپنى بېسىپ چۈشكەندە، شەيئىنىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، بىر كىشى خاتالاشقان بولسا، ئۇ يا خاتالىقىنى تونۇپ، تۈزىتىش ئىرادىسىگە كېلىدۇ، يا خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇپ، قايتا - قايتا خاتالىشىدۇ. بۇ قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلىپ، خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىدىيىسى يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن چاغدا، ئۇ ئالغا بېسىش تەرىپىگە تەرەققىي قىلىدۇ؛ خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇش ئىدىيىسى بارا - بارا كۈچىيىپ، خاتالىقىنى تۈزىتىش ئىدىيىسىدىن ھالقىپ كەتكەن چاغدا، بۇ كىشى چېكىنىپ كېتىدۇ. ھەرقانداق شەيئىنىڭ تەرەققىي قىلىشى قارىمۇ قارشى تەرەپلەر بىر - بىرىگە ئۆزگىرىشىنىڭ، يەنى زىددىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر. زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بەزىدە زىددىيەتنىڭ بىر تەرىپى يېڭىلىشى، يەنە بىر تەرىپى غەلىبە قىلىشى بولۇپ؛ بەزىدە بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ ئاخىرلىشىشى بولۇپ؛ بەزىدە بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ يېڭى بىر شەيئى شەكلىدە يۇغۇرۇلۇپ كېتىشى بولۇپ؛ بەزىدە بولسا، بىر - بىرىگە زىت ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس تەرەققىي قىلىشى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قارىمۇقارشى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكى قانۇنى شەيئىلەرنىڭ زىددىيەتلىك ھەرىكىتى ھەققىدىكى قانۇندۇر، ئۇ بارلىق شەيئىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش سەۋەبىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئاخىرقى قانۇن، تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە تەپەككۇرنىڭ ئومۇمىي قانۇنىدۇر. قارىمۇ قارشى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكى قانۇنى كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، ئوتتۇرىغا قويۇش، تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشىنىڭ تۈپ ئۇسۇلىدۇر.
← بارلىق تېمىلار پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى