UyghurWiki
UyghurWikiپەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرىزىددىيەت بىلەن تولغان دۇنيا − زىددىيەتنىڭ ئومۇمىيلىقى

زىددىيەت بىلەن تولغان دۇنيا − زىددىيەتنىڭ ئومۇمىيلىقى

پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى «زىددىيەت» (خەنزۇچە 盾矛 «نەيزە ۋە قالقان» مەنىسىدە) سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق بىر قەدىمىي ھېكايە بار: چۇ بەگلىكىدىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ قالقىنىنى ماختاپ، بۇ قالقان بەك پۇختا، ھەرقانداق ئۆتكۈر نەيزىمۇ تېشەلمەيدۇ، دەپتۇ؛ ئاندىن نەيزىسىنى ماختاپ، بۇ نەيزە بەك ئۆتكۈر، ھەرقانداق پۇختا قالقاننىمۇ تېشىۋېتىدۇ، دەپتۇ. ئارىدىن بىرەيلەن: ئۆزۈڭنىڭ نەيزىسىنى قالقىنىڭغا ئۇرسا قانداق بولىدۇ دەپ سورىغانىكەن، ئۇ كىشى گەپ قىلالماي قاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆز - ئۆزىگە زىت ئەھۋاللار «盾矛» (زىددىيەت) دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بوپتۇ. پەلسەپىدە دېيىلىدىغان «زىددىيەت» نىڭ ئالاھىدە مەنىسى بار. دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەم ئۆزئارا ئالاقىدار، بىر - بىرىگە بېقىنىدىغان، ھەم ئۆزئارا قارىمۇقارشى، بىر - بىرىنى چەتكە قاقىدىغان ئىككى تەرەپ مەۋجۇت دەپ قارايدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەر قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت، مانا بۇ زىددىيەتتۇر. مەسىلەن، تۇغۇلۇش بىلەن ئۆلۈش، ئېگىز بىلەن پەس، ئوڭ بىلەن سول، قايغۇ بىلەن خۇشاللىق، ئۇرۇش بىلەن تىنچلىق بىر - بىرىگە قارىمۇ قارشى، لېكىن بىر - بىرىگە تايىنىدۇ، بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ. زىددىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدۇ، كىشىلەر زىددىيەتنى خالىغانچە ياسىيالمايدۇ، خالىغانچە ئىنكارمۇ قىلالمايدۇ. زىددىيەت ئوبيېكتىپ دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك ھادىسە. دۇنيا زىددىيەت دېمەكتۇر، زىددىيەت بولمىسا دۇنيامۇ بولمايدۇ. بۇ زىددىيەتنىڭ ئومۇمىيلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار: بىرى، ماكان جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەممە ئىشتا، ھەممە يەردە زىددىيەت بولىدۇ، مەيلى تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانلار جەمئىيىتى ياكى تەپەككۇر پائالىيىتى بولسۇن، ھەممىسىدە زىددىيەت ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. مەسىلەن، ماتېماتىكىدىكى پىلۇس ۋە مىنۇس، مېخانىكىدىكى تەسىر ۋە ئەكس تەسىر، فىزىكىدىكى مۇسبەت زەرەت ۋە مەنپىي زەرەت، خىمىيىدىكى بىرىكىش ۋە ئاجرىلىش، جەمئىيەت ساھەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىقلار. يەنە بىرى، زامان جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەر ۋاقىت، باشتىن - ئاخىر زىددىيەت بولىدۇ. مەيلى ئۆتمۈش، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسىدە زىددىيەت ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. زىددىيەت شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ جەريانىغا سىڭگەن، كونا زىددىيەت يوقالسا، يېڭى زىددىيەت پەيدا بولىدۇ، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ زىددىيىتى بىردەممۇ توختاپ قالمايدۇ. زىددىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ھېچقانداق شەيئى، ھېچقانداق ۋاقىت يوق. مانا بۇ زىددىيەتنىڭ ئومۇمىيلىقىدۇر. زىددىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى، ئومۇمىيلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەك، بۇ بىزدىن قارىمۇ قارشىلىق ئىچىدىن بىرلىكنى، بىرلىك ئىچىدىن قارىمۇ قارشىلىقنى ئىگىلەپ، دۇنيانى قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى نۇقتىئىنەزىرى بىلەن تونۇشىمىز ۋە ئۆزگەرتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى