UyghurWiki
UyghurWikiپەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرىھەرىكەت

ھەرىكەت

پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەت قىلىدۇ. يۇناننىڭ بىر پەيلاسوپى مەنىسى چوڭقۇر بۇ پەلسەپىۋى قاراشنى «ئادەم دەريادىكى بىر سۇدا ئىككى قېتىم چۆمۈلەلمەيدۇ» دەپ ئوبرازلىق شەرھلەپ بەرگەن. دەريا سۈيى ئۈزلۈكسىز ئېقىپ تۇرىدۇ، ئادەم ئىككىنچى قېتىم دەرياغا چۈشكەندە ئەسلىدىكى سۇ بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇقىرى ئېقىمدىن كەلگەن يېڭى سۇ بىلەن ئۇچرىشىدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەر دەريا سۈيىگە ئوخشاش توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. دۇنيا ماددىدىن تۈزۈلگەن، ماددا ھەرىكەتتە بولىدۇ، پۈتكۈل دۇنيا مەڭگۈ ھەرىكەت قىلىدىغان ماددىي دۇنيادۇر. پەلسەپىدىكى «ھەرىكەت» ئادەتتىكى تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە ئوخشاشمايدۇ، ئۇ بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ، مۇنداق ئۆزگىرىش جەريانى ماددىنىڭ ئەسلىدە بار خۇسۇسىيىتى، ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇق شەكلىدۇر. شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ھەرىكەتتە بولىدۇ. بەزى شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى روشەن بولغاچقا، كىشىلەر ئاسانلا بايقىۋالىدۇ. مەسىلەن، تېز كېتىپ بارغان ماشىنىلار، ئېقىۋاتقان دەريا - ئېقىنلار، كېچە ئاسمىنىدا ساقىغان يۇلتۇزلار قاتارلىقلار. بەزى شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئاستىراق بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئوڭاي كۆرەلمەيدۇ. قەدىمكىلەردە «تەيشەن تېغىدەك مەزمۇت» دېگەن گەپ بار، بىراق پەننىڭ ئىسپاتلىشىچە، تەيشەن تېغى1 مىليون يىلدىن بېرى نەچچە يۈز مېتىر ئېگىزلىگەن؛ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز جۇمولاڭما چوققىسى يېقىنقى500 مىڭ يىلدىن بېرى1600 مېتىر كۆتۈرۈلگەن. بەزى شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يىراق ياكى ئۇلار بەك كىچىك بولغانلىقتىن، بىز ئوڭاي سېزەلمەيمىز. يۇلتۇزلار قارىماققا ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە توقۇمىچى قىز يۇلتۇزى بىلەن پادىچى يىگىت يولتۇزى سېكۇنتىغا ئايرىم - ئايرىم14 كىلومېتىر ۋە26 كىلومېتىر تېزلىكتە چاپىدۇ. مىكرو دۇنيادىكى مالۇكۇلا، ئاتوم، ئاساسىي زەررىچىلەرمۇ ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىدۇ. نۇرغۇن ئاساسىي زەررىچىلەر پەيدا بولۇپلا نەچچە ئون مىلياردتىن بىر، ھەتتا نەچچە تىرىليوندىن بىر سېكۇنت ئىچىدىلا «يىمىرىلىپ تۈگەيدۇ»، ھەرىكىتى تولىمۇ تېز. بەزىلەر مەن ئولتۇرغان ئۆي مىدىرلاپمۇ قويمايدۇ، بۇ تۇرغۇنلۇق ئەمەسمۇ دەيدۇ. تۇرغۇنلۇق مەۋجۇت، ئەمما، ئۇ نىسپىي تۇرغۇنلۇق. نىسپىي تۇرغۇنلۇق ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل شەكلى، شەيئىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرمەي نىسپىي مۇقىم تۇرغان ھالىتى. ئادەم ئۆيدە ئولتۇرسا ھەرىكەت قىلمايدىغىنى راست، ئەمما ئادەم بىلەن ئۆي يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىرىشى ۋە قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادەم توختىماي نەپەس ئالىدۇ، تېنىدىكى قان توختىماي ئايلىنىدۇ، بۇلارمۇ ھەرىكەت. شۇڭلاشقا، ھەرىكەت مۇتلەق، تۇرغۇنلۇق نىسپىي بولىدۇ. «يېڭى مەسىلىگە كونا نۇقتىئىنەزەر بىلەن قارايدۇ» غان كىشىلەر بۇ پەلسەپىۋى قائىدىنى چۈشەنمىگەچكە، ھە دېسىلا خاتالىشىدۇ. ھەرىكەت بىلەن ماددا بىر - بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، ماددىلا بولىدىكەن ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەرىكەتلا بولىدىكەن، ئۇ ماددىنىڭ ھەرىكىتى بولىدۇ. دۇنيادىكى ھەر خىل ھادىسىلەر ماددا ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت. پەننىڭ ھازىرقى سەۋىيىسىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە تەرەققىي قىلىش تەرتىپى بويىچە، ماددا ھەرىكىتىنىڭ مېخانىك ھەرىكەت، فىزىكىلىق ھەرىكەت، خىمىيىلىك ھەرىكەت، بىئولوگىيىلىك ھەرىكەت، ئىجتىمائىي ھەرىكەتتىن ئىبارەت بەش خىل ئاساسىي شەكلى بار.
← بارلىق تېمىلار پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى