شەيئىلەر تەرەققىي قىلىدۇ
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
قەدىمكىلەر: «بىر ئادەمنى ئۈچ كۈن كۆرمىسەڭ يېڭىچە نەزەرىڭ بىلەن قارا» دەيدۇ. بۇنىڭ مەنىسى كىشىلەرگە كونا نەزەر بىلەن قارىماسلىق كېرەك دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر تەرەققىي قىلىدۇ دېگەن ئومۇمىي ھەقىقەت يوشۇرۇنغان.
دېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە، تەرەققىيات ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ يۇقىرى ئۆرلەش، ئالغا ئىلگىرىلەش ۋە ئالغا بېسىش يۈزلىنىشىدۇر. ئوبيېكتىپ شەيئىلەر مەڭگۈ ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا تۇرىدۇ، ھەرقانداق شەيئى ئەسلىدىكى سەۋىيىدە توختاپ قالمايدۇ. بۇ جەريان شەيئىلەرنىڭ كىچىكتىن چوڭغا، ئاددىيدىن مۇرەككەپكە، تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە، كونا سۈپەتتىن يېڭى سۈپەتكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت قانۇنىيەتلىك تەرەققىياتى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
دۇنيانىڭ تەرەققىياتى چەكسىز، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار تەپەككۇرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ساھەدىكى بارلىق شەيئىلەر جەريان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۇرالغۇسى بولغان يەر شارى ئۆلۈك گاز قاپلىغان تاقىر يەردىن ھازىرقىدەك رەڭگارەڭ ھاياتلىق ھادىسىلىرى ۋە ئىنسانلار پەيدا بولغۇچە ئۇزاق تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى. ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك قورالى تەبىئىي تاش ۋە تاياق - توقماقتىن ھازىرقىدەك ئاپتوماتلاشقان ماشىنىلارغا تەرەققىي قىلدى. ئىنسانلارنىڭ بىلىشى بىلمەسلىكتىن بىلىش، ئاز بىلىشتىن كۆپ بىلىش جەريانىنى، بىرەر شەيئىنى تونۇشىمۇ تېيىز بىلىشتىن چوڭقۇر بىلىش، بىر تەرەپلىمە بىلىشتىن ئەتراپلىق بىلىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى.
كىشىلەر شەيئىلەرنى توغرا بىلىش ئۈچۈن، تەرەققىيات نۇقتىئىنەزىرى بىلەن شەيئىلەرنى كۆزىتىشى، مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشى لازىم، دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرىنى، يەنى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئومۇمىي جەريانى ۋە ئاساسىي يۆنىلىشىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى »قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكى قانۇنى« تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتتىن كېلىدىغانلىقىنى؛ »سان بىلەن سۈپەتنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگىرىش قانۇنى« شەيئىلەر سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈش جەريانىدا تۇرىدىغانلىقىنى؛ »ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنى« شەيئىلەر »مۇئەييەنلەشتۈرۈش − ئىنكار قىلىش − يەنە ئىنكار قىلىش« تىن ئىبارەت ئەگرى - توقاي يوللارنى بويلاپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ.