ئوپئوخشاش ئىككى يوپۇرماق يوق − زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
گېرمانىيىلىك بىر پەيلاسوپ پادىشاھقا: دۇنيادا ئوپئوخشاش ئىككى نەرسە يوق، دەپتۇ. پادىشاھ ئىشەنمەي، بىر كېنىزىكىنى باغدىن ئوپئوخشاش ئىككى تال يوپۇرماق ئۈزۈپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ، لېكىن ئۇ تاپالماپتۇ، چۈنكى، بىر دەرەختىكى يوپۇرماقلارنىڭمۇ چوڭ - كىچىكلىكى، كونا - يېڭىسى ئوخشاشمايدىكەن. دۇنيادا مۇتلەق ئوخشىشىدىغان ئىككى شەيئى يوق، بۇ زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى زىددىيەتنىڭ خاسلىقىدۇر. ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەر ئارىسىدىكى ۋە بىر شەيئىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ماتېرىيالىستىك دىئالېكتىكىنىڭ قارىشىچە، بىر شەيئىنىڭ بۇ شەيئى بولۇپ، باشقا شەيئىلەردىن پەرقلىنىشىگە ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە زىددىيىتى بولىدىغانلىقى سەۋەب بولىدۇ، مۇنداق ئالاھىدە زىددىيەت شەيئىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئالاھىدە ماھىيەتتىن ئىبارەت.
بىر شەيئىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچلىرىنىڭمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەرەققىي قىلىدۇ، تەرەققىيات باسقۇچلۇق بولىدۇ. باسقۇچ ئوخشاشمىسا، زىددىيەتمۇ ئوخشاشمايدۇ. ئادەمنىڭ تەرەققىياتى بوۋاقلىق، بالىلىق، ياش - ئۆسمۈرلۈك، ئوتتۇرا ياشلىق، قېرىلىق باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ، ھەر باسقۇچنىڭ ئالاھىدە زىددىيىتى بولىدۇ. بۇۋاقلىق باسقۇچىنىڭ ئاساسەن مەۋجۇتلۇق زىددىيىتىدىن، بالىلىق باسقۇچىنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى زىددىيەتتىن، ياش - ئۆسمۈرلۈك باسقۇچىنىڭ ئۆگىنىش جەريانىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت. ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئوخشاشمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدا ئالاھىدە زىددىيەت بولىدۇ. ناۋادا ھەر خىل باسقۇچلاردىكى زىددىيەتلەر ئوخشاش بولسا، شەيئىلەر تەرەققىي قىلالمىغان بولاتتى.
زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى پرىنسىپىنى ئىگىلەش كىشىلەردىن شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، يەنى زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىپ، كونكرېت شەيئىنى كونكرېت تەھلىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەل ئارىسىدا مۇنداق بىر كۈلكىلىك گەپ بار: بۇرۇن بىر كىشى ئۆتكەنىكەن، ئۇ بالىسىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ، بالىغا كەمپۈت بەرگەنىكەن، بالا يىغىدىن توختاپتۇ، بۇ كىشى بەكمۇ خۇش بوپتۇ. بىر كۈنى ئاپىسى يىغلىغانىكەن، ئۇنىڭغا كەمپۈت بېرىپتۇ، نەتىجىدە ئاپىسىدىن بىر كاچات يەپتۇ. بۇ كىشى زىددىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلمەسلىك خاتالىقىنى ئۆتكۈزگەن.