ئاڭنىڭ پائالىيەتچانلىقى
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ئاڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئىنكاسى، بىراق ئەينەكتە ئەكس ئەتكەندەك ئۇنداق ئاددىي ئەمەس، مۇبادا ئادەم ئېڭى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى ئەينەككە ئوخشاش ئەكس ئەتتۈرسە، ھەممە ئادەمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشى ئوپئوخشاش بولۇپ قالغان، توغرا - خاتالىق پەرقىمۇ بولمىغان بولاتتى، دېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە، ئاڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى پائالىيەتچانلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئاڭنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاڭنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى، ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
ئاڭ شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنىلا ئەمەس، ماھىيىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئىت ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ياخشى - يامانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئاڭ ھەرخىل ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى پەرقلەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ خاراكتېرىنى بىلىپ، ياخشى - يامانلىقىنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇ تەرىپى «ئەينەكنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈشى» گە ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاڭ شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرەلەيدۇ. كىشىلەر تاشنىڭ شەكلىنى بىلىپلا قالماي، ئۇنى قورال قىلغىلى، ئۇنىڭدىن ئۆي قوپۇرغىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ، بۇ تەرىپىنىمۇ ئەينەكتىن كۆرگىلى بولمايدۇ.
ئاڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە تەسىر قىلالايدۇ. ئەينەك شەيئىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەمما ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما ئاڭنىڭ بولسا مۇنداق كارامىتى بار. ئاڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى بىۋاسىتە تەسىر قىلىپ ئۆزگەرتمەيدۇ، بۇ ئارىدا ئادەمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى بولۇشى كېرەك، ئادەمنىڭ ئەمەلىي پائالىيىتى ئاڭ يېتەكچىلىكىدىكى مەقسەتلىك پائالىيەت. ئادەمنىڭ ياغاچنى پارتىغا ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن، ئاۋۋال ئېڭىدا بىر پارتا ئوبرازى بولۇشى كېرەك، ئاندىن شۇ ئاساستا ياسايدۇ، ئاڭدىكى پارتا ئوبرازى ياغاچنى پارتىغا ئۆزگەرتىش ئەمەلىي پائالىيىتىدە يېتەكچى رول ئوينايدۇ. دوختۇر فىزىئولوگىيە ۋە مېدىتسىنا ھەققىدىكى بىلىملىرىنى يېتەكچى قىلغاندىلا، بىمارنى ياخشى داۋالىيالايدۇ؛ دېھقانلار يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىلا مول ھوسۇل ئالالايدۇ؛ ئىشچىلار بىنا سېلىش ئۈچۈن، ئاۋۋال چېرتيوژىنى سىزىۋالىدۇ ... ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنى ئۆزگەرتىدىغان مۇنداق مەقسەتلىك، پىلانلىق ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئاڭنىڭ پائالىيەتچان رولىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
ئاڭنىڭ پائالىيەتچان رولىدا ئىككى خىل ئەھۋال بار: توغرا ئىدىيە ۋە ئاڭ كىشىلەرنىڭ توغرا ھەرىكەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ؛ خاتا ئىدىيە ۋە ئاڭ كىشىلەرنىڭ خاتا ھەرىكەت قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇن بولۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئاڭنىڭ پائالىيەتچان رولىنى توغرا جارى قىلدۇرۇشتا ئاڭنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى ئاچقۇچ بولۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.