ماددا
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
دۇنيا زادى نېمە؟ يەنى دۇنيانىڭ ماھىيىتى نېمە؟ مۇنداق زور مەسىلىگە پەلسەپىلا جاۋاب بېرەلەيدۇ. ماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە، دۇنيانىڭ ماھىيىتى ماددا، ئەمىسە، ماددا دېگەن نېمە؟ بەزىلەر، كىشىلەر كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كونكرېت نەرسىلەر ماددا بولمامدۇ، دەيدۇ. بۇ جاۋاب خاتا بولمىسىمۇ، پەلسەپە مەنىسىدىكى «ماددا» غا بېرىلگەن جاۋاب ئەمەس. دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ماددا ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت، ئۇ ئادەم ئېڭىنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ، يەنە ئادەم ئېڭىدا ئەكس ئېتىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئىلمىي ماددا ئۇقۇمىنىڭ ئۈچ مەنىسى بار. بىرىنچى، ماددىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىق ئىكەنلىكىدە. قەدىمكى ساددا ماتېرىيالىزمچىلار شەيئىلەرنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ دەسلەپكى ماددىنى تېپىشقا ئۇرۇنغان، يۇنان پەيلاسوپى تالېس تەبىئەت دۇنياسىدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ سۇدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ، دۇنيانىڭ ماھىيىتى سۇ دەپ قارىغان؛ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى «بەش ئاناسىر (بەش تادۇ) تەلىماتى» دا «مېتال، ياغاچ، سۇ، ئوت، تۇپراق» دۇنيانىڭ ماھىيىتى دەپ قارىلىدۇ. يېقىنقى زامان مېخانىك ماتېرىيالىزمى ئاتوم ئەڭ كىچىك ماددا بىرلىكى، «ئالەم بىناسىنىڭ كېسىكى»، شۇڭا ئاتوم دۇنيانىڭ ماھىيىتى دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ قاراشلارنىڭ مۇۋاپىق تەركىبلىرى بولسىمۇ، ئىلمىي ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ماددىنى پەقەت بىر ياكى بىرنەچچە خىل كونكرېت ماددىي فورماتسىيە دەپ قارايدۇ. دېئالىكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ئېيتىدىغان «ماددا» ئەمەلىي بۇيۇم، مەسىلەن، تاش، پارتا، تاغ دېگەندەك كونكرېت فورماتسىيە ئەمەس، بەلكى بۇ كونكرېت فورماتسىيىلەردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك — ئوبيېكتىپ چىنلىقتىن ئىبارەت. ئىككىنچى، مۇنداق ئوبيېكتىپ چىنلىق كىشىلەر ئېڭىدىن مۇستەقىل بولۇپ، كىشىلەر تونۇسۇن - تونۇمىسۇن، ماددا ھامان ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنقى كىشىلەر كۆرۈپ باقمىغان دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ. كىشىلەر ئېلېكتر دولقۇنى، ھاۋا قاتارلىق كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان ئوبيېكتىپ مەۋجۇت ماددىي ھادىسىلەرنى ئىنكار قىلسىمۇ بولمايدۇ. ئومۇمەن كىشىلەر ئېڭىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ماددىي ھادىسە، ئوبيېكتىپ چىنلىقتۇر. ئۈچىنچى، كىشىلەر ماددىنى تونۇيالايدۇ. كىشىلەر ماددىي دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش جەريانىدا، ماددىنىڭ كونكرېت فورماتسىيىسىنى كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، تىل، بەدەن ئارقىلىق سېزىدۇ ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى تەپەككۇر ئارقىلىق تونۇپ، ماددىنىڭ ئوبيېكتىپ چىنلىقىنى بىلىدۇ.
دۇنيادىكى تۈرلۈك - تۈمەن شەيئى - ھادىسىلەرنىڭ ئورتاق ماھىيىتى ئۇلارنىڭ ماددىيلىقى، ماددا دۇنيانىڭ ماھىيىتى، دۇنيا بىرلىككە كەلگەن ماددىي دۇنيا، دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزملىق پەلسەپىنىڭ بارلىق نۇقتىئىنەزەر - نەزەرىيىلىرى ماددا بىرلەمچى، دۇنيا بىرلىككە كەلگەن ماددا دېگەن نۇقتىئىنەزەردىن كېلىپ چىققان. مۇبادا دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم بىر بىنا دېيىلسە، ماددا بۇ بىنانىڭ ئۇلى بولىدۇ.