سان بىلەن سۈپەتنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگىرىش قانۇنى
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى سان ئۆزگىرىشىدىن باشلىنىدۇ، سان ئۆزگىرىشى مۇئەييەن چەكتىن ھالقىپ كەتسە، سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كونا شەيئى يېڭى شەيئىگە ئۆزگىرىدۇ؛ ئاندىن يېڭى شەيئى ئاساسىدا، يېڭى سان ئۆزگىرىشى باشلىنىدۇ. يېڭى سان ئۆزگىرىشى مۇئەييەن چەكتىن ھالقىپ يەنە يېڭى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى پەيدا قىلىدۇ، مۇشۇنداق توختىماي دەۋر قىلىدۇ، شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ سان بىلەن سۈپەتنىڭ بىر - بىرىگە ئۆزگىرىش قانۇنىدۇر. بۇ قانۇن تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسانلار جەمئىيىتى ۋە تەپەككۇر تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي قانۇنىدۇر.
شەيئىلەر سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سان ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولمىغان تەدرىجىي ئۆزگىرىش، ئۇ شەيئىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، شەيئىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. شەيئىنىڭ ئۆزگىرىشى سان ئۆزگىرىشىدىن باشلىنىدۇ، «تاغقا بىر چامداپلا چىققىلى بولماس»، «بىر گۈرجەك قازغانغا قۇدۇق پۈتمەس»، «بىر كاپام ئاشقا ئادەم سەمرىمەس»، قەدىمكىلەرنىڭ بۇ گەپلىرى سان ئۆزگىرىشىنىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. سان ئۆزگىرىشى مۇئەييەن چەككە يەتكەندە، شەيئىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ. سۈپەت ئۆزگىرىشى تەدرىجىي ئىلگىرىلەش جەريانى ئۈزۈلۈپ، شەيئىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، بىرخىل سۈپەتتىن باشقا بىر خىل سۈپەتكە سەكرىشىدۇر. شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈش جەريانىدۇر. مەسىلەن، سۇ ئاستا - ئاستا قىزىسا ياكى سوۋۇسا، ئاخىر ھورغا ياكى مۇزغا ئايلىنىدۇ؛ مىكروبلارنىڭ ئاستا - ئاستا چىرىتىشى بىلەن يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىدۇ ۋە باشقىلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشتۇر. شەيئىلەرنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشى پارتلاش خاراكتېرلىك ۋە غەيرىي پارتلاش خاراكتېرلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. چاقماق چېقىپ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەش، بومبىنىڭ پارتلىشى پارتلاش خاراكتېرلىك سۈپەت ئۆزگىرىشىدۇر؛ ئادەمنىڭ ئۆسۈشى، قوراللارنىڭ يېڭىلىنىشى غەيرىي پارتلاش خاراكتېرلىك سۈپەت ئۆزگىرىشىدۇر. سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشكە جەريان كېتىدۇ، سان ئۆزگىرىشى ئىچىدە سۈپەت ئۆزگىرىشى بولىدۇ. مەسىلەن، ياغاچتىن ئورۇندۇق ياساش سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈش جەريانىدۇر. لېكىن، سان ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى پۈتەي دەپ قالغان ئورۇندۇق سان ئۆزگىرىشى ئىچىدىكى قىسمەن سۈپەت ئۆزگىرىشىدۇر.
سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەييارلىقى، سۈپەت ئۆزگىرىشى سان ئۆزگىرىشىنىڭ نەتىجىسى. سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈش بىلەنلا شەيئىنىڭ تەرەققىياتى ئاخىرلاشمايدۇ، شەيئى يېڭى سۈپەت ئاساسىدا، سان ئۆزگىرىشى بىلەن سۈپەت ئۆزگىرىشىنىڭ بىر - بىرىگە ئايلىنىشىنى قايتىدىن باشلايدۇ.