پەلسەپە
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
«پەلسەپە» سۆزى يۇنان تىلىدا «ياخشى كۆرۈش» ۋە «ئەقىل» مەنىسىدە بولۇپ، پەيلاسوپ سۆزى «ئەقىلنىڭ دوستى» دېگەنلىك بولىدۇ. «پەلسەپە» كىشىگە ئەقىل بېرىدىغان، كىشىنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئىلىم.
كىشىلەر دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن نەزەرىيە ئىگىلىشى كېرەك. پەلسەپە دۇنيا قاراشنىڭ نەزەرىيىۋى سىستېمىسى. كىشىلەر ئەتراپىدىكى ئادەم ۋە شەيئىلەر بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، زامانلار ئۆتۈپ، شەيئىلەر توغرىسىدا ھەرخىل قاراشلىرى شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن، تەبىئەت قارىشى، جەمئىيەت قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، خۇشاللىق - قايغۇ قارىشى دېگەندەك. بۇ »قاراش«لار يەنە كىشىلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيا توغرىسىدىكى ئەڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ ئىدىيە كىشىلەرنىڭ ھەرخىل شەيئىلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قوماندانلىق قىلىدۇ، مانا بۇ دۇنيا قاراشتۇر. پەلسەپە مەخسۇس دۇنيا قاراشنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم.
پەلسەپە تەتقىق قىلىدىغان ئاساسىي مەسىلە روھ بىلەن ماددا (تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەت)نىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. دۇنيادىكى ھادىسىلەر تولىمۇ مۇرەككەپ، خىلمۇ خىل، يىغىپ كەلگەندە، ماددىي نەرسە بىلەن مەنىۋى نەرسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. تاغ، دەريا، ئاي، كۈن، يۇلتۇز، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى قاتارلىقلار ماددىي ھادىسىلەر، تەپەككۇر، ھېسسىيات، نەزەرىيە، پىكىر قاتارلىقلار مەنىۋى ھادىسىلەردۇر. ھەرقانداق پەلسەپە ئاۋۋال ماددا بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىگە، قايسىسى بىرلەمچى، قايسىسى ئىككىلەمچى، قايسىسى قايسىسىدىن ھاسىل بولىدۇ، قايسىسى قايسىسىنى بەلگىلەيدۇ، دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىشى كېرەك. مۇشۇنىڭغا بېرىلگەن جاۋابقا قاراپ پەلسەپىدە ئىدېئالىزم ۋە ماتېرىيالىزم دېگەن ئىككى چوڭ سىستېما كېلىپ چىقىدۇ.
ئىدېئالىزم ئاۋۋال روھ، ئاندىن ماددا پەيدا بولغان، روھ ماددىنى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ماتېرىيالىزم ماددا بىرلەمچى، روھ ئىككىلەمچى، ماددا روھنى بەلگىلەيدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. تارىختا پەلسەپە ئېقىملىرى تۈرلۈك - تۈمەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى مۇشۇ ئىككى چوڭ مۇناسىۋەتتىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ. ئىدېئالىستىك پەلسەپىنىڭ مۇۋاپىق ئامىللىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ماددا بىلەن روھنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىپ، كىشىلەرنى نامۇۋاپىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ماتېرىيالىستىك پەلسەپە دۇنيا ھەققىدىكى ئەڭ ئومۇمىي مەسىلىلەرنى توغرا شەرھلەپ بېرىدۇ. مۇشۇ پەلسەپىلا كىشىنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان ئىلىم ھېسابلىنىدۇ.
پەلسەپە پەيلاسوپلارنىڭلا ئىشى ئەمەس. دۇنيانى توغرا تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ھەممىمىز توغرا پەلسەپە ئىدىيىسىنى ئىگىلىشىمىز، دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا، ئۆزىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.