UyghurWiki
UyghurWikiپەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى«مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» ۋە قانۇنىيەت

«مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» ۋە قانۇنىيەت

پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى جۇڭگودا مۇنداق بىر مەسەل بار: بۇرۇنقى زاماندا سۇڭ بەگلىكىدىكى بىر كىشى مايسىلارنى تېز ئۆسسىكەن دەپ، ئارزۇ قىلىپتۇ، لېكىن يا سۇغارماي، يا ئوغۇتلىماي، مايسىلارنى بىر - بىرلەپ تارتىپ قويۇپتۇ، نەتىجىدە ھەممىسى قۇرۇپ قاپتۇ. بۇ كىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ جازاسىغا ئۇچراپتۇ. ماددا ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتى بولىدۇ، كىشىلەر مۇشۇ قانۇنىيەتنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ شۇ قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىش، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھەرگىز خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. قانۇنىيەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەردە ئەسلىدىلا بولىدۇ، ئۇ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ سىرتىدىكى «نەرسە» ئەمەس، كىشىلەر ئوبيېكتىپ شەيئىلەرگە بەرگەنمۇ ئەمەس. كىشىلەر ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلەرنى پەيدا قىلالمايدۇ ھەم يوقىتالمايدۇ. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ ئۈچ ئاساسىي خۇسۇسىيىتى بار: بىرىنچى، قانۇنىيەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاقىسىدۇر، شەيئىلەرنىڭ ئۆزىدىكى تۈپ خۇسۇسىيەتلەرنى گەۋدىلەندۈرگەندىلا قانۇنىيەت بولىدۇ. ماددا ئالمىشىش (مېتابولىزم) ۋە ئىرسىيەت جانلىقلار دۇنياسىدىكى قانۇنىيەت، ئۇلار جانلىقلارنىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى — كونىسىنى چىقىرىۋېتىپ يېڭىسىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆز - ئۆزىنى يېڭىلاش خۇسۇسىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئىككىنچى، قانۇنىيەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ مۇقەررەر باغلىنىشىدۇر. قانۇنىيەت مۇقەررەرلىككە، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان يۈزلىنىشكە ئىگە. «قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرمايدۇ» غانلىقى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش جەريانىدىكى ئۆز مۇقەررەرلىكىدۇر. بىر يىلدا تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى، كېچە - كۈندۈزنىڭ چەكسىز دەۋر قىلىشى، جانلىقلارنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆلۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئادەمنىڭ ئېڭى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۈچىنچى، قانۇنىيەت ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ مۇقىم باغلىنىشىدۇر، قانۇنىيەت مۇقىملىققا ئىگە. شەيئىلەر ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانىدا، مۇئەييەن شەرت ھازىرلانسىلا، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ھادىسە جەزمەن تەكرارلىنىدۇ، نورمال ئاتموسفېرا بېسىمى ئاستىدا سۇ ℃100 تا قاينايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا شۇنداق بولىدۇ؛ ھەرقانداق بىرخىل ئىشلەپچىقىرىش قانداق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلىشتىن قەتئىينەزەر، تاۋار ئىشلەپچىقىرىشى بولسىلا، قىممەت قانۇنى رول ئوينايدۇ. قانۇنىيەتنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنى نۇرغۇن مۇرەككەپ ھادىسىلەرنى تەھلىل - تەتقىق قىلىپ، ھېسسىي بىلىشتىن ئەقلىي بىلىشكە كۆتۈرۈلگەندىلا بىلگىلى بولىدۇ. پەننىڭ ۋەزىپىسى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
«مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» ۋە قانۇنىيەت | UyghurWiki | UyghurWiki