ماتېرىيالىزم
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
ماتېرىيالىزم ئىدېئالىزمغا قارىمۇ قارشى پەلسەپە ئېقىمى. ئۇ ماددا بىرلەمچى، روھ ئىككىلەمچى، ماددا روھنى بەلگىلەيدۇ، روھ ماددىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارايدۇ. ماتېرىيالىزم دۇنيانىڭ ماھىيىتى ماددا دەيدىغان پەلسەپە نەزەرىيىسىدۇر.
ماتېرىيالىزمنىڭ قارىشىچە، دۇنيا ماددىي دۇنيا، ماددىي دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان ئوبيېكتىپ رېئاللىقتۇر. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدە شەيئىلەرنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلالايدۇ. ئىشچىلار زاۋۇت بىناسى، ماشىنا، سايمانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانمايدۇ، ئالىملار ئىلمىي سايمانلار ۋە تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ھەرگىز گۇمانلانمايدۇ، دېھقانلار يەر، ئۇرۇق ۋە ئوغۇتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلانمايدۇ، ماددىي دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەر، كىشىلەر ئۇلارنى تونۇسۇن - تونۇمىسۇن، ياقتۇرسۇن - ياقتۇرمىسۇن، ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.
ماتېرىيالىزم يەنە مۇنداق ھېسابلايدۇ: ماددا ئالدىدا، روھ كەينىدە، ماددا بولمىسا روھمۇ بولمايدۇ، روھ ئەزەلدىن بار نەرسە ئەمەس، ئۇ ماددا تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كېيىن بارلىققا كەلگەن مەھسۇلات. كىشىلەرنىڭ سېزىمى، ئىدىيىسى، ھەرقايسى پەنلەردىكى ئېنىقلىما - فورمۇلىلارنىڭ ھەممىسى ماددىنىڭ ئىنكاسى. كىشىلەرنىڭ تونۇشى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك.
ماتېرىيالىستىك نۇقتىئىنەزەر ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان، ئۇ قەدىمكى ساددا ماتېرىيالىزم، مېخانىك ماتېرىيالىزم ۋە دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تارىخىي فورماتسىيىنى بېسىپ ئۆتتى. دىئالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانلار تەپەككۇرىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي تەرەققىيات قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئېچىپ بېرىش ھەم كىشىلەرنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىشىنىڭ ئۆتكۈر ئىدىيىۋى قورالى ھېسابلىنىدۇ.