زامان ۋە ماكان
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
دۇنيادا ھەرقانداق شەيئى مەۋجۇتلا بولىدىكەن ھەرىكەت قىلىدۇ، ھەرىكەتلا قىلىدىكەن، مۇئەييەن ماكاننى ئىگىلەيدۇ، مۇئەييەن زاماننى بېسىپ ئۆتىدۇ. زامان - ماكان بولمىسا، ماددا ھەرىكەت قىلالمايدۇ، مەۋجۇتمۇ بولالمايدۇ. شۇڭا، زامان ۋە ماكان ماددا ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ.
پەيلاسوپلار ئېيتقان «زامان» سائەت كۆرسەتكەن سائەت، مىنۇت، سېكۇنت ئەمەس، كالېنداردىكى يىل، ئاي، كۈنمۇ ئەمەس، بەلكى ماددىنىڭ ھەرىكەت جەريانىنىڭ تەرتىپى ۋە داۋاملىشىشىدۇر. ھەرقانداق شەيئىنىڭ ھەرىكىتى، ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ باش - ئاخىرى بىر تۇتاش، ئالدى - كەينى باغلانغان بولۇپ، مۇئەييەن ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە يۈز بېرىدۇ. مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىخلىنىشى، گۈل ئېچىشى، مېۋە تۇتۇشى تەرتىپ بويىچە بولىدۇ. ھەربىر باسقۇچ مۇئەييەن مەزگىل داۋاملىشىدۇ.
پەيلاسوپلار ئېيتقان «ماكان» مۇ ئۆي، ساندۇق دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى قاچا ئەمەس، بەلكى جىسىم مەۋجۇدىيىتىنىڭ يېيىلىشچانلىقى، يەنى جىسىملارنىڭ مۇئەييەن ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى جىسىملار ئارىسىدىكى ئورۇن مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قار ئۇچقۇنى ئالتە بۇرجەكلىك بولىدۇ، تۇخۇم ئېللىپس شەكلىدە بولىدۇ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز شەكلى ۋە ھەجمى بولىدۇ؛ خەينەنداۋ ئارىلى ئېلىمىزنىڭ ئەڭ جەنۇبىدا، چوڭ ھىنگان تاغلىرى ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدا، ھەرقايسىسىنىڭ ماكان جەھەتتىن تىزىلىش تەرتىپى بار.
ھەرىكەت قىلىۋاتقان بارلىق ماددىلار زامان ۋە ماكاندا مەۋجۇت بولىدۇ، زامان ۋە ماكاندىن ئايرىلغان ماددا بولمايدۇ. بىز ئورۇندۇقنى ئۆيدىن سىرتقا ئېلىپ چىقساق، بۇ يۆتكىلىش جىسىمدا مۇئەييەن تەرتىپ بويىچە داۋاملاشقان زامان جەريانىدىن ئىبارەت. «ئۆي ئىچى»، «ئۆي سىرتى» ۋە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بولسا ماكاندۇر. ماددا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، ماددا ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلى بولغان زامان ۋە ماكانمۇ ئوبيېكتىپتۇر. پۈتكۈل دۇنيا ماكان جەھەتتىن پايانسىز، زامان جەھەتتىن چەكسىزدۇر. لېكىن، ھەربىر كونكرېت شەيئىگە قارىتا، زامان - ماكان چەكلىك بولىدۇ. شۇڭا، ماكان بىلەن زامان چەكلىكلىك بىلەن چەكسىزلىكنىڭ بىرلىكىدۇر.