UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقۇلانكۆز ئوت

قۇلانكۆز ئوت

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى قۇلانكۆز ئوت (سېمپېرۋىرۇم ئوتى) پاكار ئۆسىدىغان بىر خىل گۆشلۈك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك، كەپىلەرنىڭ ئۆگزىسىدە ياكى قۇم تاشلاردا ئۆسەلەيدۇ. ئادەتتە كۆپ سۇلۇق قېلىن يوپۇرماقلىرى بولىدۇ، بەزىدە يوپۇرماقلىرى ئۆسۈپ چوڭ پارچە - پارچە «مىسىل» سىمان ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئىنتايىن تەستە چېچەكلەيدۇ، ھالبۇكى، ئۇنىڭ چېچەكلىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ يېڭى غولدىن ئۆسۈپ چىققان كىچىك «مىسىل» ئارقىلىق ئوڭۇشلۇق كۆپىيىۋېرىدۇ. بۇ كىچىك «مىسىل» لىرى كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ «ئانا» سى بىلەن قاتارلىشىپ ئۆسىدۇ. يېڭى غوللار بەزىدە يوپۇرماقلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تېشىپ ئۆسىدۇ، بۇنداق چاغدا كىچىك مىسىل خۇددى «ئانا» سىنىڭ مىسىلىدا ئولتۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. كىچىك «مىسىل» ئۆسۈپ بەلگىلىك دەرىجىگە كەلگەندە شامال، يامغۇر ياكى باشقا نەرسىلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ يەرگە دومىلاپ چۈشىدۇ، بەزىدە ئۆزلۈكىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشىدۇ. يەرگە دومىلاپ چۈشكەن مىسىلنىڭ بەزىلىرى يېنىچە ياتىدۇ، بەزىلىرى ئوڭدىسىغا ياتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار خۇددى ئوڭدىسىغا بولۇپ قالغان قوڭغۇزدەك تىركىشىشكە باشلايدۇ. بىراق، ھەرىكىتى ئىنتايىن ئاستا. ئەگەر مىسىل يېنىچە بولسا، يەر يۈزىگە تېگىپ تۇرغان قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، قوڭغۇزنىڭ قاناتلىرىغا ئوخشاش رول ئويناپ، مىسىلنىڭ ئورنىنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. ئەگەر مىسىلنىڭ ئاستى ئۈستىگە قاراپ قالغان بولسا، يىلتىزىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ ئۆرۈلىدۇ. يىلتىزىنىڭ رولى خۇددى قوڭغۇزنىڭ پۇتلىرىغا ئوخشايدۇ، مىسىلنىڭ ئۇششاق يىلتىزلىرى لاي توپىغا سانجىلغاندىن كېيىن مىسىلنى تارتىپ ئۇنى ئاستا - ئاستا ئۆرە تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا2 −3 تال كىچىك يىلتىز «بىرلەشمە كۈچ» شەكىللەندۈرەلىسە، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورلىشىدۇ. ئەگەر نەچچە تال يىلتىزنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىسا مىسىل ئۆرە تۇرالماي قۇرۇپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى