كەيپ قىلىدىغان سىرلىق ئۆسۈملۈك
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كلاسسىك ھېكايىلەردە بىھوشلاندۇرۇش دورىسى ئارقـىـلـىـق ئادەمـنـى ھوشسىزلاندۇرۇشقا ئائىت بايانلار بار. بىھوشلاندۇرۇش دورىـسـى دېگىنىمىز، ئەمەلىيەتتە، بىر خىل ياكى كۆپ خىل كەيپ قىلغۇچى ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان دورا. تەبىئەت دۇنياسىدا نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنى يېگـەنـدە ياكى پۇرىقىنى پۇرىغاندا ئادەمدە خىيـالـىـي تـۇيـغـۇ پـەيـدا بـولـىـدۇ يـاكـى بەدىنى بوشاپ تاتلىق ئۇيقۇغا كېتىدۇ ۋە ياكى كەيپ بـولـۇپ ئاجايىپ - غارايىپ خىيالىي دۇنياغا كىرىپ قالىدۇ. ئادەمنى كەيپ قىلىدىغان بۇ خـىـل ئۆسۈملۈكنى ئالىملار «كەيپ قىلىدىغان ئۆسۈملۈك» دەپ ئاتايدۇ.
ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئىندىئان قەبىلـىـسـى يـاشـايـدىـغـان جايدا بىر خىل ئاجايىپ جەنۇبىي ئامېرىكا كـاكـتـۇسـى ئۆسـىـدۇ. ئادەم بـۇ خىل كاكتۇسنىڭ بىخىنى ئېلىپ چاينىسا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.
مېكسىكا بىلەن كۇبا چېگرىسى ئىچىدىكى ئىندىئانلار ئولـتـۇراقلاشـقـان رايوندا نۇركۈنلۈك دەپ ئاتىلىدىغان زەھەرلىك مـوگـۇ ئۆسىدۇ، ئادەم ئۇنـى ئىستېمال قىلسا ئاجايىپ - غارايىپ خىيالىي تۇيـغۇغا غەرق بـولـىـدۇ، ئۆزىـنـى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئايرىلىپ كەتكەندەك، ماكـان ۋە زامـانـدىـن ھالـقـىـپ چىققاندەك ھېس قىلىدۇ، كۆز ئالدىدىـكـى دۇنـيـا شـۇنـچە كـىـچـىـك كۆرۈنىدۇ، خىيالىي مەنزىرىدىـكى ھەمـمـە نـەرسـە شـۇنـچە ئەيـنـەن، ئىشەنچلىك بىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قالايمىـقـان سـۆزلـەپ نـاخـشـا ئېيتىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ.
كەيپ قىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر نېمە ئۈچۈن ئادەمدە خىيالىـي تـۇيـغـۇ پەيدا قىلالايدۇ؟ ئەسلىدە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا توقـۇلـمـىـسـىـدا بەزى ئالاھىدە خىمىيىلىك ماددىلار − مەركىزىي نېرۋا ۋاسىـتـىـچـى مـاددىلىرى، يەنى نورئادرېنالىن،5 - ھىدروكسىترىپتامىن، دوپامىن قاتارلـىـقلار بولىدۇ. بۇ مەركىزىي نېرۋا ۋاسىتىچى ماددىلىرى خۇددى پوچتىكەشكە ئوخـشـاش ئۇچۇرلارنى سادىقلىق بىلەن يەتكۈزۈپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيە پائالىيىتىنى تـەڭـشەش ۋە روھىي ئىقتىدارنى ماسلاشـتۇرۇشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ھالبۇكى، كۆپ ساندىكى كەيـپ قىلغۇچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تەركىبىدە ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى بىئولوگىيىلىك ئىشقارلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ خىمىيىلىك تۈزۈلۈشى5 - ھىدروكسىترىپتامىن قاتارلىقلارنىڭ مالېكۇلىسى بىلەن ئىنتايىن ئوخشىشىدۇ، شۇڭا ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسـى قالايمىقانلىشىپ، يالغان نەرسە راستتەك بىلىنىدۇ. ئۇ نـېـرۋىدىكى يەتكۈزۈش، ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغـا تـەسـىـر كۆرسىتىش ئارقىلىق مېڭىنىڭ نورمال فۇنكسىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىلىـشـىـپ قېلىش كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمدە ھەر خىل غەلـىـتە تۇيغۇلار كۆرۈلىدۇ. كەيپ قىلغۇچى ئۆسۈمـلۈكلەر تەركىبـىدىكـى بىئولوگىيىلىك ئىشقار ئوخشاش بولمىغاچقا، ئادەم خىلمۇخىل خىـيـالىي تـۇيـغـۇلارغا غەرق بولىدۇ، كۆز ئالدىدا ئاجايىپ - غارايىپ مەنزىرىلەر پەيدا بولىدۇ.
ئالىملار كەيپ قىلغۇچى ئۆسۈملۈكلەرنىـڭ ئادەمـنـى كـەيــپ قىلىش سەۋەبىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاچتى. لېكىن، تۈرلۈك خىيالىي تۇيغۇلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تەپسىلىي ھالقىلار يـەنـىلا سىر بولۇپ، كىشىلەرنى ئويلاندۇرماقتا.