ساپىيوم دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ساپىيوم دەرىخى جۇڭگونىڭ جەنۇبىدا ئۆسىدىغان مەشھۇر سانائەت مېيى چىقىدىغان دەرەخ تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭ ماي چىقىرىش نىسبىتى %40 تىن ئاشىدۇ. ساپىيوم دەرىخى، مايلىق چاي دەرىخى، تۇڭگۇ دەرىخى ۋە ياڭاق دەرىخى قاتارلىقلار ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ ياغاچ غوللۇق مايلىق دەرەخ ئۆسۈملۈكلىرى ھېسابلىنىدۇ.
ساپىيوم دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئېلىمىز بولۇپ،1500 يىللىق تىكىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. كىشىلەر ھازىر ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئۆسۈش قىياپىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، مېۋىلىشى كۆپ، مەھسۇلاتى يۇقىرى. ئۇلار كۆپىنچە شەنشى تاغلىقلىرى ۋە خۇەيخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىن تارتىپ گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى، يۈننەن - گۈيجۇ ئېگىزلىكلىرىگىچە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ3 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ، سۈپىتىمۇ خېلى ياخشى.
ساپىيوم دەرىخى موم دەرىخى ياكى ياغاچ مېيى دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۈتلۈكئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەختۇر. ئۇ كۆپىنچە باش يازدا چېچەكلەيدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، شاخ ئۇچىدىن سارغۇچ يېشىل رەڭلىك باشاقسىمان گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلى4 - ئايدىن7 - ئايغىچە بولۇپ،10 - ۋە11 - ئايلاردا مېۋىسى پىشىدۇ. غوزا مېۋىسى ياپىلاق شار شەكىللىك بولۇپ، ئۈچكە يېرىلىدۇ. ئۈچ تال ئۇرۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بولۇپ، سىرتىدا ئاق موم ماددىسى بولغاچقا، ئاق موملۇق مېۋە دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ساپىيوم دەرىخىنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ، ساپىيوم مومى سوپۇن، پىليونكا، سۇلياۋ يوپۇق، موملانغان قەغەز، تېرە ئاسراش مېيى (يۈزماي)، داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇۋالمىسى، قاتتىق ئىسپىرت ۋە ئالىي دەرىجىلىك خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى قاتارلىقلارنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ؛ قوۋزىقىدىن چىقىدىغان ماي تەركىبىدە تەخمىنەن 14% گلېتسېرىن بولۇپ، نېتروگلېتسېرىن، ئېپوكسى سىمولا، ئەينەك پولات ۋە پارتلاتقۇچ دورا ياساشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. ئۇرۇق مېغىزىدىن چىقىرىۋېلىنغان مايدىن ئالىي دەرىجىلىك سىر ياسىلىدۇ.
ساپىيوم دەرىخىنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق بولۇپ، سەل زەھەرلىك كېلىدۇ. يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە يىلتىز قوۋزىقىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. ئۇلار كۆپىنچە زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. يوپۇرمىقى زەھەرلىك بولغاچقا ئۇنىڭ سۈيىنى ھاشارات يوقىتىش دورىسى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ دەرەخنى بېلىق كۆلچەكلىرى ئەتراپىغا تىكىپ ئۆستۈرۈشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
كەچ كۈزدە ساپىيوم دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى قىزىل، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەرگە ئۆزگىرىدىغان بولغاچقا، داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر لۇيۇ ئۇنى «ساپىيوم دەرىخى ئېرەندەك قىزىل، شۇڭا باغچىسى گويا سېنتەبىر» دەپ مەدھىيىلىگەن.