UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىيالىڭاچ دەرەخ

يالىڭاچ دەرەخ

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدە يوپۇرماقسىز بىر خىل دەرەخنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تېنىدە سىپسىلىق تاياقلارغا ئوخشاش قىپيالىڭاچ شاخلىرىلا بولىدۇ، شۇڭا «يالىڭاچ دەرەخ» دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە يالىڭاچ دەرەختىمۇ يوپۇرماق بولىدۇ، بىراق ئۇ ئىنتايىن كىچىك ھەم ناھايىتى تېزلا تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئاسانلىقچە كۆرەلمەيدۇ. يالىڭاچ دەرەخ ئاساسلىقى يېشىل رەڭلىك شاخ - نوتىلىرىغا تايىنىپ ئوزۇقلۇق ياسايدۇ، ئۇنىڭ شاخ - نوتىلىرى ھەمىشە غولدا ئۇدۇل ئۆسىدۇ ياكى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، شاخ - نوتىلىرىدا خىلوروپلاست بار بولۇپ، فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ياسىيالايدۇ. يالىڭاچ دەرەخنىڭ شاخ - نوتىلىرىدا خېلى كۆپ سۇ زاپاس ساقلىنىدۇ، تەركىبىدە يەنە ئاق رەڭلىك زەھەرلىك شىرنە سۇيۇقلۇقى بولۇپ، تېرىگە تەگسە تېرىنىڭ سەزگۈرۈلۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، تېرىنى قىزارتىپ ئىششتىۋېتىدۇ. لېكىن، بۇ سۇيۇقلۇق كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا، سۈتسىمان شىرنە تەركىبىدە ئىنتايىن كۆپ كاربون ھىدرىتلار بولۇپ، يېقىلغۇ چەككىلەپ ئېلىشقا بولىدىكەن. شۇڭا، يالىڭاچ دەرەخ ئۈمىد ئەڭ زور بولغان نېفىت ئۆسۈملۈكى دەپ قارالماقتا. يالىڭاچ دەرەخ سۈتلۈكئوت ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئەسلىي ماكانى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسمى بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، ھۆل - يېغىنى ئىنتايىن ئاز. بۇنداق ناچار، مۇدھىش تەبىئىي شارائىتتا، سۇنىڭ پارلىنىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى كىچىكلەپ، ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدىغان بولۇپ ئۆزگەرگەن. يالىڭاچ دەرەخنىڭ باشقا جايلارغا كەلتۈرۈپ ئۆستۈرۈلۈشى ئاساسلىقى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ ئەسلىدە ئۆز ماكانىدىكى ئېگىزلىكى7 −8 مېتىر بولۇپ، باشقا كەلتۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن جايلاردا تولىمۇ پاكار ئۆسىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەن ئارىلىدا كۆپ مىقداردىكى يالىڭاچ دەرەخ ئۆستۈرۈلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى