UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىبەلىزگۈل

بەلىزگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى بەلىزگۈل مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك گۈل - گىياھ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۆسۈملۈك تۈپى ئاران10 −20 سانتىمېتىر بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن چىرايلىق شار شەكىللىك باشسىمان گۈل رېتى بولىدۇ، گۈل رېتىنىڭ مەركىزىدە سېرىق رەڭلىك نەيچىسىمان گۈللىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، تۆت ئەتراپىدا رەڭگى كۆركەم تىلسىمان گۈللىرى ئۆسىدۇ، ئۇلار ئادەتتە گۈل تاج ياپراقچىلىرى دېيىلىدۇ. رەڭگى ئاق، سۇس قىزىل، توق قىزىل، ئوچۇق قىزىل قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. چىرايلىق رەڭگى ماسلاشقان بۇ كىچىك گۈل كۆپىنچە گۈلزارلىقلاردا تۇتاش تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئىتالىيىلىكلەر ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن. بەلىزگۈلنىڭ ئەسلىي ماكانى ياۋروپا بولۇپ، سوغۇققا چىداملىق، باش باھاردا، يەنى فېۋرالدىلا چېچەكلەيدۇ. بۇ مەزگىلدە زېمىن تېخى كۆكەرمىگەن، باشقا گۈللەر ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، چىرايلىق ئېچىلغان بەلىزگۈللەر كىشىلەرگە تۇنجى بولۇپ باھار يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭ گۈللىرى تاكى ماي ئېيىغىچە چېچەكلەپ تۇرىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىمۇ بەلىزگۈلنىڭ چوڭ بىر ئارتۇقچىلىقى ھېسابلىنىدۇ. بەلىزگۈل سامان غوللۇق گۈل - گىياھلاردىن بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن بەلىزگۈل چەتتىن كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى