UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىمېھرىگىياھ

مېھرىگىياھ

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى «جۇڭيى دورىلىرى شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان مېھرىگىياھ كۆپىنچە جىلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭبەيشەن رايونى ئەتراپىدىن چىقىدۇ. ئۇ جۇڭگودىكى «شەرقىي شىمالنىڭ ئۈچ گۆھىرى» (مېھرىگىياھ، بۇلغۇن تېرىسى، بۇغا مۈڭگۈزى) نىڭ بىرى بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر. مېھرىگىياھ ئارالىيە (شەيتان دەرىخى) ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن40 −50 سانتىمېتىر بولۇپ، ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماقلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ. گۈلى كىچىك، يازنىڭ باشلىرىدا سارغۇچ يېشىل چېچەكلەيدىغان بولۇپ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى غول ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق يۇمىلاق شەكىلدە، چوڭلۇقى پۇرچاقچىلىك بولۇپ، كۈزدە ئوچۇق قىزىل شىرنىلىك مېۋىگە ئايلىنىدۇ، ئىچىدە ئىككى تال ئۇرۇقى بولىدۇ. يەر ئاستى قىسمىدا ئۇرچۇق شەكىللىك ھەم گۆشلۈك ئوق يىلتىزى بىلەن تارماق شاخچە يىلتىزلىرى بولۇپ، شەكلى خۇددى سېمىز بالىغا ئوخشايدىغان بولغاچقا، يەرلىك ئادەملەر ئۇنى «ئادەمگىياھ» دەپمۇ ئاتىشىدۇ. ياۋا تاغ مېھرىگىياھى كۆپىنچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، يورۇقلۇق مەزگىلى ئۇزۇن، تۇپرىقى مۇنبەت تاغ باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى ئاستا، تېپىش تەس، دورىلىق ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئىنتايىن ئەتىۋارلىق.1981 - يىلى8 - ئايدا جىلىن ئۆلكىسى چاڭبەيشەن رايونى ۋۇسۇڭ ناھىيىسىدىكى تۆت نەپەر دېھقان قەدىمكى ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن بىر تال يۈز يىللىق ياۋا مېھرىگىياھنى تېپىۋالغان. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى287 گرام، ئاساسىي تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .9 سانتىمېتىر بولغاچقا، «مېھرىگىياھ شاھى» دەپ ئاتىغان. سۈنئىي ئۆستۈرۈلگەن مېھرىگىياھ «باغ مېھرىگىياھسى» دەپ ئاتىلىپ ئومۇمەن ئالتە يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن يىغىۋېلىنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى ياۋا تاغ مېھرىگىياھىغا يەتمەيدۇ. مېھرىگىياھ جۇڭيى دورىگەرلىكىدە تەننى قۇۋۋەتلەش دورىسى قىلىنىپ، ئۇزۇن مەزگىل كېسەل تارتىپ كوللاپىس بولۇپ قالغان، قان كۆپ چىقىپ كەتكەن، كۆپ قۇسۇپ ئىچى سۈرگەن خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ يەنە تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ ئۆپكىگە مەنپەئەت قىلىش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ زېھنىنى ئېچىش قاتارلىق كارامەت ئۈنۈملىرىمۇ بار. مېھرىگىياھ تەركىبىدە كۆپ خىل ساپونىن، مېھرىگىياھ ئىسپىرتى، مېھرىگىياھ كىسلاتاسى، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرى، قەنتلەر، ۋىتامىنلار، فىيتوستروللار ۋە ئۇچۇپان ماي قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەم تېنىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۈچەيتىش؛ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ ئۆسمىگە (راكقا) قارشى تۇرۇش؛ چوڭ مېڭە، يۈرەك، تومۇرلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ۋە قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ شۇنىڭدەك ئىچكى ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكسىيىسىنى غىدىقلاش؛ مېتابولىزمنى قوزغىتىش ۋە چارچاشقا كۆرۈنەرلىك قارشى تۇرۇشتەك روللارغا ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە يەنە «مېھرىگىياھ شورپىسى» ئارقىلىق سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «جان قۇتقۇزغۇچى شورپا» دېيىشىدۇ. ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە مېھرىگىياھنىڭ يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن پىششىقلاپ قېنىق قوڭۇر رەڭگە كەلتۈرۈلگەن «خۇڭ سېن (قىزىل مېھرىگىياھ)»، سارغۇچ ئاق رەڭلىك «شىڭ شەي سېن (ئاپتاپقا قاقلانغان خام مېھرىگىياھ)» ۋە «بەي سېن (ئاق مېھرىگىياھ)» ھەمدە ئاق شېكەرگە چىلانغان «تاڭ سېن (قەنتلىك مېھرىگىياھ)» قاتارلىقلار بار. جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، مېھرىگىياھ تەركىبىدىكى شىپالىق رول ئوينايدىغان ئاساسلىق تەركىب مېھرىگىياھ ساپونىنى ئىكەن. مېھرىگىياھ گۈلىنىڭ تەركىبىدىكى ساپونىن مىقدارى يىلتىزنىڭكىدىن بەش ھەسسە، يوپۇرمىقىدىكى ساپونىن مىقدارى يىلتىزنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. فارماكولوگىيىلىك تەجرىبىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، مېھرىگىياھنىڭ يىلتىز، غول، يوپۇرماق، گۈل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە روشەن ھالدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە قارشى تۇرۇش، ھارغىنلىق ۋە چارچاشقا قارشى تۇرۇش رولى بولىدىكەن. مېھرىگىياھ گۈلىنىڭ تەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچەيتىش رولى مېھرىگىياھ يىلتىزىنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى