كۆكنار
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كۆكنارنىڭ ئەسلىي ماكانى كىچىك ئاسىيا، ھىندىستان ۋە ئىراندۇر. ئېلىمىزنىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆستۈرۈش مەيدانلىرىدا ئاز مىقدارىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆكنار ئادەتتە «ئەپيۈنگۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
كۆكنار ئەپيۈنگۈل ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پۈتۈن ئۆسۈملۈك توپى ئاچ يېشىل رەڭدە، يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، غولىنى ئوراپ ئۆسىدۇ. گۈلى يازدا ئېچىلىپ، شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ. گۈلى چوڭ ھەم چىرايلىق، رەڭگى قىزىل، سۆسۈن ياكى ئاق رەڭلەردە بولۇپ، ئۈستىگە قاراپ ئېچىلىدۇ. گۈلى بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ، مېۋىسى شار شەكىللىك غوزا مېۋە بولۇپ، ئىچىدە ئۇششاق ھەم نۇرغۇن ئۇرۇقلىرى بولىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتىدە كۆكنار مېۋىسىنىڭ شاكىلى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، رېتسېپلاردا «خان گۈرۈچى پوستى» ياكى «كۆكنار پوستى» دەپ يېزىلىدۇ. ياز پەسلىدە »ئەپيۈن قىرىش« تاماملانغاندىن كېيىن ساپاق بېشى ۋە ئۇرۇقلىرى يىغىۋېلىنىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇلىدۇ، ئاندىن سىركىدە قورۇپ ياكى بالقاق قىلىنىپ دورا ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلىدۇ. ئۇرۇقى تەركىبىدە %50 ئەتراپىدا ماي بولۇپ، ياغ چىقىرىشقا بولىدۇ.
كۆكنار پوستىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى قىرتاق، زەھەرلىك بولۇپ، تەركىبىدە مورفىن، كودېئىن، ناركوتىن، پاپاۋېرىن قاتارلىق30 خىلدىن ئارتۇق ئالكالوئىدلار (ئۆسۈملۈك ئىشقارى) بولىدۇ. بۇلار ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىلىرى بولۇپ، ئۆپكىسى ئاجىزلاپ ئۇزۇنغىچە يۆتىلىپ توختىماسلىق، كۆكرەك - قورساق قوۋۇرغىلىرىنىڭ ھەر خىل ئاغرىشلىرى، ئۇزۇنغىچە توختىماي ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۆرەك ئاجىزلاشتىن زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگىمۇ شىپا بولىدۇ.
كۆكنار مېۋىسىدە بىر خىل سۈتسىمان شىرنە بولۇپ، ئۇنى قىرىپ ئېقىتىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن «ئەپيۈن» گە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە %10 مورفىن قاتارلىق ئالكالوئىدلار بولۇپ، قان تومۇرلاردىكى سىلىق مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىۋېلىشىنى يوقىتىدۇ ھەمدە يۈرەك مۇسكۇللىرىنى تورمۇزلاپ، يۈرەك سانجىقى، ئارتېرىيىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. لېكىن، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە ئاسانلا خۇمار قىلىپ سوزۇلما خاراكتېرلىك زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بەدەنگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ، نەتىجىدە ئادەم «ئەپيۈنكەش ئەرۋاھ» قا ئايلىنىپ قالىدۇ - دە، ئېغىر بولغاندا نەپەسلىنىش قىيىنلىشىپ جېنىدىن ئايرىلىدۇ. شۇڭا، ئېلىمىزدە كۆكنار تېرىش قاتتىق تىزگىنلىنىدىغان بولۇپ، دورا ئۈچۈن تېرىلغاندىن باشقا ئەپيۈن تېرىش بىردەك مەنئى قىلىنىدۇ.