UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقارىياغاچ

قارىياغاچ

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى قارىياغاچنىڭ ھاۋادىكى چاڭ - توزانلارنى سۈزۈش (فىلتىرلەش) رولى بار. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ چاڭ - توزانلارنى تۇتۇپ قېلىش مىقدارى ھەر كۋادرات مېتىر يوپۇرماق يۈزىدە27 .12 گرام بولۇپ، بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ «چاڭ - توزان سۈزگۈچ» دېگەن نامى بار. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاتموسفېرادىكى گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارغا نىسبەتەنمۇ بەلگىلىك قارشىچانلىققا ئىگە. قارىياغاچ يەنە ئاق قارىياغاچ، ئۆي قارىياغىچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ.25 مېتىرغىچە ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. غولى تىك، دەرەخ باراقسىنى يوغان. يوپۇرمىقى ئېللىپس شەكىللىك، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ تۈۋى قىسمى قىيپاش. قارىياغاچ ئاۋۋال چېچەكلەپ كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدۇ، باش باھار مەزگىلىدە، كونا دەرەخنىڭ يوپۇرماق قولتۇقلىرىدىن توپ - توپ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەيلا يۇمىلاق قاناتلىق مېۋىلىرى پىشىدۇ. ئۇرۇقى قانىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، سىرتقى شەكلى جۇڭگونىڭ قەدىمكى مىس پۇللىرى (داچەن، تەڭگە پۇل)غا ئوخشايدۇ. قارىياغاچ مېۋىسى ئادەتتە «قارىياغاچ پوستىكى» دەپ ئاتىلىدۇ. قارىياغاچ پوستەكلىرى شاخلاردا تىزىق - تىزىق ئېسىلىپ تۇرىدۇ، پىشقاندىن كېيىن شامالدا لەيلەپ ئۇچىدۇ. قارىياغاچ پوستىكىنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا، پىشقاندىن كېيىن بىر ئاي ئەتراپىدىلا بىخلىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. قارىياغاچنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي شىمالىغىچە بولغان تۈزلەڭلىكلەردە بىرقەدەر كۆپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، سوغۇققا چىداملىق، يىلتىز سىستېمىسى ناھايىتى چوڭقۇر، كۈچلۈك بورانغا قارشى تۇرالايدۇ؛ قۇرغاقچىلىق ۋە شورغا چىداملىق، شۇڭا شامالدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ياخشى دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قارىياغاچ | UyghurWiki | UyghurWiki