ھىندى پەرەڭگۈلى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئەگەر ھاۋادا زەھەرلىك ماددىلار مەسىلەن، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد (2OS) مىقدارى100 مىڭدىن بىرگە يەتكەندە، ئادەم ئۇزاق مۇددەت خىزمەت قىلالماي قالىدۇ؛ ئۇنىڭ قويۇقلۇقى (كونسېتراتسىيىسى)10 مىڭدىن تۆتكە يەتكەندە، ئادەم زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. ھالبۇكى، بەزى ئۆسۈملۈكلەر بولسا ئۆزلۈكىدىن زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆسۈملۈك تېنىدە پارچىلاپ زەھەرسىز ماددىلارغا ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. ھىندى پەرەڭگۈلى (خەيرىگۈل) دەل مۇشۇنداق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر خىلى. شۇڭا، «زەھەر قايتۇرغۇچى تەبىئىي ماشىنا» دەپ نام ئالغان.
ئېكولوگلار بۇلغىنىشقا قارشىلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان توققۇز تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ھىندى پەرەڭگۈلى يوپۇرمىقى تەركىبىدىكى خلور مىقدارى ۋە يوپۇرماققا يېپىشتۇرۇلغان خلور مىقدارى ئەڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭ گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدقا بولغان قارشىلىق كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ ھىندى پەرەڭگۈلى يوپۇرماق گۆشى ھۈجەيرىلىرىگە بولغان زىيانكەشلىكى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ؛ ھىندى پەرەڭگۈلى يوپۇرمىقىدا توختاپ قالىدىغان (تۇتۇپ قېلىنغان) چاڭ - توزانلار مىقدارى18 تۈردىكى ئۆسۈملۈك ئىچىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر دائىم ھىندى پەرەڭگۈلىنى مۇھىت ئاسراشتىكى ياردەمچى دەپ قاراپ كۆپلەپ ئۆستۈرىدۇ.
ھىندى پەرەڭگۈلى قىزىل پەرەڭگۈل، ھىندى پەرەڭگۈل دەرىخى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى رومبىسىمان تۇخۇم شەكىللىك، ئادەتتە رەتسىز ئۈچكە يېرىلىدۇ، گىرۋەكلىرىدە ھەرە چىشلىرى بار. ئىيۇن، ئىيۇل ئايلىرىدا چېچەكلەيدۇ. گۈلى قىزىل، ئاق، بىنەپشە، ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، يۇمىلاق شەكىللىك غوزا مېۋە تۇتىدۇ. ھىندى پەرەڭگۈلىنىڭ ئەسلىي ماكانى مەملىكىتىمىز بىلەن ھىندىستان.
ھىندى پەرەڭگۈلىنىڭ گۈللىرى چىرايلىق بولسىمۇ، لېكىن جەنۇبىي جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تولىراق يېشىل چىتلاق ماتېرىيالى ئورنىدا ئۆستۈرۈلىدۇ؛ شىمال تەرەپتىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردە بولسا دائىم ھويلا - ئاراملار ۋە باغچىلاردا ئۆستۈرۈپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا تاماشا قىلىنىدۇ. ئۇ كۆپ ئىقتىدارلىق بىر خىل كۆكەرتىش دەرەخ تۈرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، قەلەمچە قىلىپ تىكىپ ئۆستۈرۈش ئوڭاي.
ھىندى پەرەڭگۈلىنىڭ گۈلى ۋە يىلتىز پوستى دورا قىلىنىدۇ، تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، نەملەشتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.