قوڭغۇراقۋاش
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قوڭغۇراقۋاشنىڭ يۇرتى ياۋروپا. ئۇ ئەسلىدە ياۋايى ئۆسىدىغان بىر خىل گۈل - گىياھ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆپ يىللىق ئۆستۈرۈپ يېتىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇنىڭ «ياۋايى» لىقى ئازىيىپ، گۈلى يوغىناپ، رەڭگى كۆپەيدى. ئۇنىڭ بىنەپشە، كۆك، سۇس قىزىل، ئاق قاتارلىق رەڭلەردە ئېچىلىدىغان سورتلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە بىنەپشە، كۆك رەڭلىكلىرى ئەڭ ئەتىۋارلىق. گېرمانىيىنىڭ تاغ باغرىلىرىدا، دالىلىرىدا، سۇ بويى، يول ياقىسىدا، ئۆيلەرنىڭ ئالدى - كەينىلىرى ۋە باشقا ھەممە يەرلەردە ئۇنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ نەپىس چىرايلىق رەڭگى، گۈزەل گۈل شەكلى، خۇشبۇي پۇرىقى، قەيسەر ھاياتىي كۈچى ئارقىلىق گېرمانىيە خەلقىنىڭ مەدھىيىلىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان. شۇڭا، دۆلەت گۈلى قىلىنغان.
قوڭغۇراقۋاش مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ئۆسۈملۈك. گۈلى باشسىمان گۈل رېتى بولۇپ، گۈل شەكلى ئاپتاپپەرەس گۈلىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت ئاپتاپپەرەس گۈلىدىن خېلىلا كىچىك بولىدۇ. گۈل رېتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى گۈللەرنىڭ ھەممىسى نەيچىسىمان گۈللەر بولۇپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ. ھەربىر تال گۈل نەيچىسىدە بىر تال ئانىلىق ۋە بەش تال ئاتىلىق بولىدۇ. نەيچىسىمان كىچىك گۈللەرنىڭ چۆرىسىدە گۈل تاج ياپراقچىلىرى چوڭايغان بىر ئايلانما تىلسىمان گۈللىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى سۇس، خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، دائىم ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ «ۋاسىتىچى» قىلىدۇ. گۈل پىلتىسىدىكى ئاتىلىق سەل - پەل تەۋرىنىشكە ئۇچراپلا قالسا، خۇددى نېرۋىلار غىدىقلىنىشنى يەتكۈزگەندەك شۇ زامانلا كىچىك تۆشۈكچىلىرىدىن ئاق رەڭلىك گۈل چاڭلىرىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. ھاشاراتلار بۇ گۈل چاڭلىرىنى باشقا بىر تۈپ قوڭغۇراقۋاشقا ئېلىپ بارىدۇ-دە، شۇنىڭ بىلەن چاڭلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولىدۇ.