UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىلىشاينىك

لىشاينىك

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئەتراپىمىزدىكى دەرەخ غوللىرى، تۇپراق ياكى يالىڭاچ تاش، تىك قىيالاردا، ھەتتا ئېگىز تاغدىكى ئۈنۈمسىز تاقىر يەرلەر، قۇتۇپ رايونى ۋە قۇملۇق چۆللەرنىڭ ھەممىسىدە لىشاينىكلارنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى قۇرۇقلۇقلارنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە دېگۈدەك تارالغان، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى «يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ئاۋانگارت» دەپ ئاتىشىدۇ. لىشاينىك يالغۇز بىرلا جانلىق بولماستىن، بەلكى زەمبۇرۇغلار بىلەن يۈسۈنلەر ئورتاقلىشىپ ياشايدىغان ئۆسۈملۈك. زەمبۇرۇغلار يۈسۈنلەرنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى تاغ جىنسلىرىغا مۇقىملاشتۇرۇپ بېرىدۇ. يۈسۈنلەرنىڭ ھۈجەيرىلىرى بولسا زەمبۇرۇغلارنىڭ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى ئارىلىقلىرىدا ئۆسىدۇ. زەمبۇرۇغلار سۇ ۋە ئانئورگانىك تۇزلارنى سۈمۈرىدۇ، يۈسۈنلەردە خلوروپلاست بولغاچقا، فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىپ ئوزۇقلۇقلارنى ياسىيالايدۇ. بەزى لىشاينىكلاردىكى زەمبۇرۇغلار يەنە بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ تاغ جىنسلىرىنى ئېرىتىپ، لىشاينىكنىڭ ئۆسۈشىگە كېرەكلىك بولغان ئانئورگانىك ماددىلارغا پارچىلىيالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىگە بېقىنىپ، ئورتاقلىشىپ ياشايدۇ. بۇ، بىئولوگىيىدە »ئورتاقلىشىپ ياشاش« دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ئورتاقلىشىپ ياشاش مۇناسىۋىتى لىشاينىكنى ناچار، يامان مۇھىتقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. ئۇلار تاغ جىنسلىرى، مېتال ياكى ئەينەكلەردە ياشاپ، ھاۋا، سۇ ۋە چاڭ - توزانلاردىن كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلەيدۇ. تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، لىشاينىكلار ℃70 ئەتراپىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىمۇ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ. ℃268 - لۇق تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا نەچچە سائەت تۇرغۇزۇلسىمۇ يەنىلا نورمال ئۆسۈشىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ. ھەتتا مۇزېينىڭ كۆرگەزمە تەكچىسىدە15 يىل تۇرغان لىشاينىكنى سۇغا چىلاپ نەمدەپ قويسا ئويلىمىغان يەردىن يەنە تىرىلىپ قالغان. لىشاينىكلار سپورىغا تايىنىپ كۆپىيىدۇ. سپورا لىشاينىكتىكى زەمبۇرۇغلاردىن كېلىدۇ، يۈسۈنلەر بولسا كۆپىيىش جەريانىغا قاتناشمايدۇ. سپورىلار ھاۋادا لەيلەپ يۈرۈپ، مۇۋاپىق مۇھىتقا يولۇققاندا، بىخلىنىپ يېڭى ئىندىۋىدنى ھاسىل قىلىدۇ، مۇۋاپىق يۈسۈن ھۈجەيرىلىرىگە ئۇچرىغاندا، ئۇلار يەنە بىرىكىپ ئورتاقلىشىپ ياشىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. يەنە بىر خىل كۆپىيىش ئۇسۇلىدا لىشاينىك تېنىدە «بىخ تەنچىسى» پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل بىخ تەنچىسى ئەمەلىيەتتە بىرنەچچە تال يۈسۈن ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەمبۇرۇغ يىپچىلىرىغا ئورىلىشىدىن ھاسىل بولغان، ئۇلار شامال ئارقىلىق تارقىلىپ چىقىپ، مۇۋاپىق مۇھىتقا لەيلەپ بارغاندىن كېيىن، يەنە باشقا بىر يېڭى لىشاينىك تېنىنى ھاسىل قىلىدۇ. لىشاينىكلارنىڭ ئۆسۈشى ئادەم ھەيران قالغۇدەك دەرىجىدە ئاستا، لېكىن ئۆمرى ئىنتايىن ئۇزۇن بولىدۇ. كىشىلەر شىمالىي قۇتۇپ تاغ جىنسلىرىدىكى كىچىك بىر پارچە لىشاينىكنىڭ نەچچە يۈز ياشقا كىرگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يەنە تېخى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە ياشىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ھازىر دۇنيادا مەلۇم بولغان لىشاينىك تۈرلىرى تەخمىنەن26 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانائەتتە ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ. ئۇشنە، لاكمۇس (كلادونىيە) لىشاينىكى قاتارلىقلاردىن ئانتىبىئوتىكلارنى ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ؛ ياپىلاق شاخسىمان (ئېۋېرنىيە) لىشاينىكىلاردىن خۇش پۇراق ماي (مۇئەتتەر ماي) ۋە خۇش پۇراق ساقلاش رېئاكتىۋى ماتېرىيالى ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ؛ گىرفورا (ئۇمبىلدكارىيە) لىشاينىكىنى يېمەكلىك قىلىشقا ۋە دورا قىلىشقا بولىدۇ؛ تامنولىيە لىشاينىكىنى ئىچىملىك ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. لىشاينىكلار ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىغا ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، ھاۋاسى بۇلغىنىشقا ئۇچرىغان رايونلاردا لىشاينىكلارنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئالىملار شۇنىڭغا ئاساسەن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى لىشاينىكتىن پايدىلىنىپ ئۆلچەپ تەكشۈرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
لىشاينىك | UyghurWiki | UyghurWiki