سۇ قاپىقى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سۇ قاپىقى يەنە ئېخورنىيە ئوتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇرتى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ۋېنېسۇئېلا بولۇپ50 نەچچە دۆلەتكە تارالغان. مەملىكىتىمىزدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇ ماكانلىرىدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ، چوشقىنىڭ يەم - خەشىكى قىلىنىدۇ.
سۇ قاپىقى پونتىدېرىيە ئوتى (مونوخورىيە ئوتى) ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ غولىدىكى بۇلۇتسىمان توقۇلمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھاۋا خالتىلىرىغا زور مىقداردا ھاۋا قاچىلانغاچقا، تىك ياكى لەيلەپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە ئايلىنالىغان. ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، باشاقسىمان گۈل رېتى،6 ~12 تال گۈلى بولىدۇ. گۈل تاجىسى كۆكۈچ بىنەپشە رەڭلىك ۋارونكا شەكىللىك بولۇپ، ئالتىگە يېرىلىدۇ، يوپۇرمىقى يۇمىلاق ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، يوپۇرماق ساپىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى كۆپۈپ يوغىناپ قاپاققا ئوخشايدۇ.
سۇ قاپىقىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان ئەڭ زور تۆھپىسى پاسكىنا سۇلارنى ساپلاشتۇرۇپ، زەھەرلىك ماددىلارنى پارچىلاپ، ئادەم تېنىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت. تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىغا قارىغاندا، بىر گېكتار سۇ قاپىقى24 سائەت ئىچىدە پاسكىنا سۇدىن34 كىلوگرام ناترىي،22 كىلوگرام كالتسىي،17 كىلوگرام فوسفور،4 كىلوگرام مانگان،1 .2 كىلوگرام فىنول،89 گرام سىماب،104 گرام ئاليۇمىن،297 گرام نىكېل،321 گرام سترونتسىي ... نى سۈمۈرۈۋالالايدىكەن. يەنە سىنكنى سۈمۈرۈش ۋە جۇغلاش ئىقتىدارىمۇ بىرقەدەر كۈچلۈك ئىكەن. تەجرىبىگە ئاساسلانغاندا، سۇ قاپىقىنى تەركىبىدىكى سىنك مىقدارى L/gm10 بولغان بۇلغانما سۇدا38 كۈن ئۆستۈرگەندە، ئۇنىڭ تېنىدىكى سىنك مىقدارى سېلىشتۇرما ئۆسۈملۈكنىڭكىدىن %133 كۆپ بولغان. سۇ قاپىقى يەنە فىنول، سىئانوگېن قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلارنى پارچىلاپ زەھەرسىز ماددىلارغا ئايلاندۇرالايدۇ.
سۇ قاپىقى ئادەم ھەيران قالغۇدەك كۆپىيىش كۈچىگە ئىگە. بىر تۈپ سۇ قاپىقى ئىككى ئاي ئىچىدە1000 دىن ئارتۇق ئەۋلاد كۆپەيتەلەيدۇ. سۇ قاپىقىنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، قەنتلەر، ۋىتامىنلار ۋە مېنىرال ماددىلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇقى مول، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يەم - خەشەك ھېسابلىنىدۇ. تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر مو سۇ يۈزىدىن50 مىڭ كىلوگرام كۆك يەم - خەشەك يىغىۋېلىنسا،30 نەچچە تۇياق چوشقىنىڭ ھاجىتىدىن چىققىلى بولىدىكەن. يەنە تېخى يېشىل ئوغۇت قىلغىلى، پاتقاق گازى (مېتان) ئىشلەپچىقارغىلى، قەغەز ئىشلەش خام ئەشياسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
سۇ قاپىقىدىن باشقا پىيزەك، جامكا، پۈرۈلمە يوپۇرماقلىق شاپ (قاتلاق شاپ)، بېلىقلېشى (بېلىق ئوتى)، قومۇش، سۇ خاسىڭى، يېكەن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭمۇ پاسكىنا سۇنى تازىلاش ئىقتىدارى بىرقەدەر ياخشى.