مودەنگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگو مودەنگۈلىنىڭ تۈپ شەكلى كۆركەم، گۈل تۈسى چىرايلىق، يارقىن، خۇش پۇرىقى يېقىملىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى داڭدار گۈللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. «گۈللەر شاھى»، «ئەڭ گۈزەل گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر ليۇ يۈشى ئەينى چاغدىكى پايتەختنىڭ مودەنگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىدىغان پەسلىنى تەسۋىرلەپ «بىر مودەنگۈلىلا چىرايلىق زېنھار، ئېچىلسا شەھەرگە زىلزىلە سالار» دەپ يازغان.
مودەنگۈل ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىرى2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامېتىرى16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا خېلىلا چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. گۈل كاسا ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش ياكى بەشنىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قات گۈللۈكلىرى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق، گۈللىرى قىزىل، ئاق، جىگەر رەڭ ۋە سېرىق رەڭلەردە بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق.
مودەنگۈلنىڭ گۈل تۈسى (قىياپىتى) خىلمۇخىل ئۆزگەرگەن ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. گۈللىرى نېلۇپەرگە، ئاپتاپپەرەسكە، گۈلچىمەنگە ئوخشاش بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىۋېتىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى قىزىل لەۋلەرگە، قەلەم قاشلارغا، ئالتۇن تەڭگىچىلەرگە ئوخشاش ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ؛ رەڭلىك ھەم چىرايلىق گۈللىرى شاخ ئۇچىدا بولۇپ، بەزىلىرى ساڭگىلىغان، بەزىلىرى نازلىنىپ، بەزىلىرى ئىگىلگەن، بەزىلىرى تىك تۇرغان، ھالەتلىرى خىلمۇخىل، ئادەم قاراپ تويمايدۇ.
مودەنگۈلنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆستۈرۈلىدىغان جايلار ناھايىتى كەڭ. تارىختا، قەدىمكى پايتەخت لوياڭدىكى مودەنگۈللەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئىككى ئەنئەنىۋى تۈرى بولغان: بىرى، سېرىق ئېچىلىدىغان «ياۋخۇاڭ» مودەنگۈلى؛ يەنە بىرى، بىنەپشەرەڭدە ئېچىلىدىغان «ۋىي زى» مودەنگۈلى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. «لوياڭ مودەنلىرىنىڭ تەڭدىشى يوق» دېگەن سۆز بار، مودەنگۈل ھازىر لوياڭ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ بېكىتىلدى، ھەر يىلى15 - ئاپرېلدىن25 - ئاپرېلغىچە «لوياڭ مودەنگۈل يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى. ھەر نۆۋەت يەرمەنكە مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر توپلىشىپ، گۈللەر شاھىنى ئورتاق تاماشا قىلىشىدۇ.