UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىۋېلۋىچىيە

ۋېلۋىچىيە

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسمىدا ئانگولانىڭ يېنىدىكى دېڭىز ياقىلىرىغا يېقىن قۇملۇق رايونلاردا، پاكار دەرەخ كۆتىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك بار بولۇپ، شېغىل تاشلىق ۋە قۇملۇقنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرىدە شالاڭ تارقىلىپ ئۆسىدۇ. مانا بۇ ئاتاقلىق، دۇنيادا كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك − ۋېلۋىچىيىدۇر. ۋېلۋىچىيە بىر خىل كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆمرى100 يىلدىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ غولى ناھايىتى قىسقا، ئېگىزلىكى20 سانتىمېتىردىن ئاشمايدۇ، بىراق ناھايىتى توم، دىئامېتىرى60 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ۋېلۋىچىيىدە تېرە ماددىلىق ئىككى تال يوپۇرماق بار بولۇپ، غولىنىڭ چوققىسىدىن ئۆسۈپ چىقىپ ئوڭ - سول ئىككى تەرەپكە ئايرىلىپ يەرگە يېتىپ تۇرىدۇ. يوپۇرماقنىڭ كەڭلىكى30 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى3 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا6 −7 مېتىر كېلىدۇ. يوپۇرماقنىڭ تۈۋى قىسمى قاتتىق ھەم قېلىن ھەمدە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرماق ئۇچى قىسمى يۇمشاق ھەم نېپىز بولۇپ، ئۈزلۈكسىز بۇزۇلۇپ، خۇددى ساڭگىلاپ تۇرغان پۆپۈكچىلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇرۇقى بىخلانغاندىن كېيىنكى بىر جۈپ پەللە يوپۇرماقتىن باشقا، ۋېلۋىچىيىنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا پەقەت مۇشۇ بىر جۈپ چوڭ يوپۇرمىقىلا ئۆسكەن بولۇپ،100 يىللاردىمۇ سولاشمايدۇ. شۇڭا، «تۇمبوئا» دەپ ئاتىلىدۇ، خەنزۇچە «100 ياشلىق يوپۇرماق» دېيىلىدۇ. ۋېلۋىچىيىنىڭ غولى يىلمۇ يىل توملىشىپ ئۆسۈپ، غولىنىڭ چوققىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قىسىم مەركەزداش يېرىقچىلار پەيدا بولىدۇ، مەركەزداش يېرىقچىلارنىڭ سىرتقى تەرەپتىكىسىنىڭ ئىچىدە شارچە مېۋىسىمان باشاق شەكىللىك گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ. ۋېلۋىچىيىنىڭ ئاتىلىق - ئانىلىقى ئايرىم تۈپلەردە بولۇپ، ھەر يىلى چېچەكلەيدۇ، گۈل ياپراقچىلىرى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك. ئۇرۇقى قاناتلىق گۈل يېپىنچىسىمان تەنچە بولۇپ، شامالغا تايىنىپ تارقىلىپ كۆپىيىدۇ. ۋېلۋىچىيە قۇرغاق قۇملۇق رايونلاردا ئۆسسىمۇ، بىراق غايەت زور يوپۇرمىقى يىل بويى ئۆسۈپ تۇرالايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ھەم تەرەققىي قىلغان يىلتىزى بولۇپ، يەر ئاستى سۇلىرىنى سۈمۈرەلىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يەردىكى قۇملۇقلار دېڭىزغا يېقىن تۇتاشقان بولغاچقا، دېڭىزدىكى تۇمانلار بۇ يەردە شەبنەمگە ئايلىنىپ ۋېلۋىچىيىنىڭ غايەت زور يوپۇرمىقىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئۇ قۇرغاقچىلىقتىن قورقمايدۇ. غەربىي جەنۇبى ئافرىقىنىڭ دېڭىز ياقىسىغا يېقىن بولغان ئۇزۇن ھەم تار قۇملۇقتىن باشقا ھېچقانداق يەردىن ۋېلۋىچىيىنى تاپقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ئەتىۋارلىق ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى