UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئپۇتوكارپىنۇس دەرىخى

ئپۇتوكارپىنۇس دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى «دېڭىزدىكى بۇددا دۆلىتى» دېگەن نامى بولغان جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پۇتو ئارىلىدا مەشھۇر بىر فودىڭشەن تېغى خۇي جى ئىبادەتخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ غەربىي تەرىپىدە بىر تۈپ كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان تەۋەررۈك دەرەخ − پۇتوكارپىنۇس دەرىخى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. بۇ دەرەخ پۈتۈن دۇنيادا ساقلىنىپ قالغان ئاران بىرلا تۈپ پۇتوكارپىنۇس دەرىخى بولغاچقا، دۇنيادىكى ئەڭ كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. ياۋايى ئۆسكەن بۇ بىر تۈپ پۇتوكارپىنۇس دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى14 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى60 سانتىمېتىر، دەرەخ باراقسىنىنىڭ قاپلاش كەڭلىكى تەخمىنەن12 مېتىر، دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ، كىچىك شاخلىرىدا تۈكچىلىرى بولۇپ، كېيىن ئاستا - ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى ئېللىپسسىمان، ئالدى ئۇچى قىسقا ئۇچلۇق، ئۇزۇنلۇقى5 .4 ~7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى3 ~5 سانتىمېتىر، گىرۋىكى ھەرە چىشلىق، تۈكلىرى بار، يوپۇرماق سېپىدا قويۇق تىۋىت تۈكلىرى بولىدۇ. مېۋە باشىقىنىڭ ئوقىدا تۈك بار، مېۋە ئورىغۇچى يوپۇرمىقى ئېللىپس ياكى تۇخۇم شەكىللىك، سەل ئېگىلىپ ئورغاقسىمان ھالەتكە كەلگەن. تۇخۇم شەكىللىك كىچىك قاتتىق شاكاللىق مېۋىلەيدۇ. مېۋىسىنىڭ ئالدى ئۇچى تۈكلۈك. پۇتوكارپىنۇس دەرىخى قېيىن ئائىلىسى، كارپىنۇس ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. ئۇنى مەملىكىتىمىزنىڭ بوتانىكا ئالىمى جۇڭ گۇەنگۇاڭ1930 - يىلى تاپقان،1932 - يىلى ئورمانشۇناس پروفېسسور جېڭ ۋەنجۈن رەسمىي نام بەرگەن. ھازىر دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى