UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئانتىيارىس دەرىخى

ئانتىيارىس دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى مەملىكىتىمىزنىڭ شىشۋاڭبەننا رايونىدىكى دەيزۇلار ئانتىيارىس دەرىخىنىڭ زەھەرلىك شىرنىسىدىن زەھەرلىك يا ئوقى ياساپ ئوۋ ئوۋلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق زەھەرلىك يا ئوقىنىڭ ئۆلتۈرۈش، زەخىملەندۈرۈش كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك، ياۋايى ھايۋانغا يا ئوقى تەگسە، قان چىقسىلا ئۆلىدۇ. ئانتىيارىس دەرىخى چوڭ ھەم دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۈجمە ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئۆسۈملۈك. دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى25 ~30 مېتىر، غولى تۈپتۈز، دەرەخ باراقسىنى ناھايىتى يوغان. يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك، ئون نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا، ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە سېرىق چېچەكلەيدۇ، كۈزدە قارامتۇل بىنەپشە رەڭلىك گۆشلۈك مېۋە تۇتىدۇ، ھەسەلدەك خۇشبۇي پۇراقلىق. قوۋزىقى ۋە يوپۇرمىقىدا ئاق رەڭلىك سۈت شىرنىسى بولۇپ، تەركىبىدە يۈرەكنى كۈچەيتكۈچى گلىكوزىد بولىدۇ، ئۇ ئۆتكۈر زەھەرلىك. ئەگەر كۆزگە كىرىپ كەتسە كۆز دەرھال قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ؛ قانغا كىرىپ كېتىپ قالسا، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ، قان سۇيۇقلۇقىنى قېتىشتۇرۇپ (ئۇيۇتۇپ)، يۈرەك سوقۇشىنى توختىتىپ قويىدۇ.1859 - يىلى، ئەنگلىيە قوشۇنلىرى شەرقىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، بورنېئو (كالىنمانتان) دىكى يەرلىك ئادەملەر تاسما قىلىپ تىلغان قومۇشنىڭ بىر ئۇچىنى ئوق ئۇچى قىلىپ ئۇچلاپ، ئانتىيارىس شىرنە سۇيۇقلۇقىغا مىلەپ تاجاۋۇزچىلارغا قارىتىپ ئاتقان. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرى كەينى - كەينىدىن يىقىلىپ ئۆلگەن. ئامېرىكا قىتئەسى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى يەرلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ خىل زەھەرلىك سۇيۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ قورال ياساپ، سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگۈچىلەرگە قارشى تۇرغانلىق ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغانلىق تارىخى بار. ئانتىيارىس دەرىخىنىڭ زەھىرى كۈچلۈك بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى «ھالاكەت دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ خىل دەرەخ دورىلىق قىممەتكە ئىگە، مەملىكىتىمىز تەرىپىدىن دۆلەتلىك ئۈچىنچى دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئانتىيارىس دەرىخىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئېكۋاتورغا يېقىن تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەن ئارىلى، يۈننەن ۋە گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدىمۇ ئاز مىقداردا تارالغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى