UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىۋىكتورىيە نېلۇپەر گۈلى

ۋىكتورىيە نېلۇپەر گۈلى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئامازون دەرياسى ۋادىسىدا بىر خىل دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېلۇپەر − ۋىكتورىيە نېلۇپەر (ئامازون نېلۇپىرى) گۈلى ياشايدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ دىئامېتىرى2 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ4 مېتىرغا يېتىدۇ. يوپۇرماق گىرۋىكى ئۈستىگە قاراپ يۆگىلىدۇ، پۈتۈن كۆرۈنۈشى غايەت زور بىر تەڭنىگىلا ئوخشايدۇ. يوپۇرماقنىڭ تۈزۈلۈشى ناھايىتى ئەپچىل بولۇپ، ئالدى يۈزى سۇس يېشىل، ئىنتايىن سىلىق، ئارقا يۈزى توپا قىزىل رەڭلىك، بۇ يەرگە ئوتتۇرىسى كاۋاك ھەم پۇختا، توم يوپۇرماق تومۇرلىرى ۋە تىكەن تۈكچىلىرى زىچ تارقىلىپ، مۇستەھكەم بىر «ئىسكىلىت جازىسى» نى تۈزگەن، بۇ تۈزۈلۈشى سۇ جانلىقلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلىيالايدۇ. يوپۇرماقنىڭ ئىچىدە ھاۋا بىلەن تولغان نۇرغۇن ئويمان ئۇۋىلار بولۇپ، يوپۇرماقنى ناھايىتى زور لەيلەش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.20 −30 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر بالا يوپۇرماق ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بىمالال ئوينىيالايدۇ. يوپۇرماق يۈزىگە75 كىلوگرام قۇمنى تەكشى يېيىتىپ قويغاندىمۇ چۆكۈپ كەتمەيدۇ. ۋىكتورىيە نېلۇپىرىنىڭ گۈلى نېلۇپەرنىڭ گۈلىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ھەم چىرايلىق. گۈلىنىڭ دىئامېتىرى30 −40 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، ئوتتۇرىسى ئوچۇق قىزىل، چۆرىسى قاردەك ئاق رەڭلىك بولۇپ، كەچقۇرۇن ئېچىلىپ، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە يۇمۇلىدۇ. ئىككىنچى كۈنى كەچقۇرۇن يەنە ئېچىلغان چاغدا، گۈلىنىڭ رەڭگى تەدرىجىي ھالدا سۇس قىزىلدىن بېغىررەڭگىچە ئۆزگىرىپ بارىدۇ. گۈلىنىڭ ئاتىلىقى بىلەن ئانىلىق ئاغزىنىڭ ئارىلىقى يىراقراق بولۇپ، گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقىغا تايىنىپ ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ، چاڭلىشىدۇ. ۋىكتورىيە نېلۇپىرىنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان، لېكىن كۆپكەن يەر ئاستى غولى بولمايدۇ. ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ، چېچەكلەپ2 −3 كۈندىن كېيىن گۈللىرى سولىشىشقا باشلايدۇ. ئانىلىق ئاغزى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ چۈشۈپ، سۇ ئىچىدە مېۋىلەپ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ چوڭلۇقى ئاران كۆك پۇرچاقنىڭ چوڭلۇقىدەك كېلىدۇ، لېكىن ئۆسۈشى ئالاھىدە تېز، ئەتىيازدا ئۇرۇق سېلىنسا،4 ~6 ئايدىلا گۈزەل گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىدۇ. ئۇرۇقىنى يېگىلى بولىدۇ، يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنى «سۇ كۆممىقونىقى» دەپ ئاتىشىدۇ. ۋىكتورىيە نېلۇپىرى يوپۇرماق يۈزى بىلەن يوپۇرماق دۈمبە تەرىپىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ تۇرالايدىغان ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇنىڭ يوپۇرماق ھۈجەيرىلىرىدە فىللوسىئانىن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل پىگمېنت بار بولۇپ، يورۇقلۇقنىڭ رادىئاتسىيە ئېنېرگىيىسىنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ، يوپۇرماقنىڭ دۈمبە تەرىپىنى ئىسسىتىش ئارقىلىق، يوپۇرماقنىڭ ئۈستۈنكى - ئاستىنقى ئىككى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ. يوغان ھەم توم يوپۇرماق تومۇرلىرى ۋە ئۇزۇن - ئۇزۇن تىكەن تۈكچىلىرى يەنە ئىسسىقلىق تارقىتىش ئەزاسى بولۇپ، تروپىك بەلۋاغنىڭ ئىسسىق ئاپتاپلىرى ۋىكتورىيە نېلۇپەر گۈلىنىڭ غايەت زور يوپۇرماقلىرىنى قاقلاپ كۆيدۈرۈۋېتەلمەيدۇ. پورەكلەپ ئېچىلغان ۋىكتورىيە نېلۇپەر گۈلى يەنە يۇقىرى ھارارەت تارقىتالايدۇ، گۈل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تاشقى مۇھىتتىكىدىن ℃10 تىن ئارتۇق يۇقىرى تۇرىدۇ. بۇنىڭدىكى سىر، ئالىملارنىڭ يەنە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ۋىكتورىيە نېلۇپەر گۈلى | UyghurWiki | UyghurWiki