UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىكەتىرا

كەتىرا

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى كەتىرا داڭلىق قۇۋۋەت دورىسى بولۇپ، ئادەم تېنىگە نىسبەتەن ماغدۇر كىرگۈزۈش رولىغا ئىگە. جۇڭيى تېبابىتىدە كەتىرانىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، تەننى قۇۋۋەتلەپ مۇسپىيلىكنى ئاشۇرۇش، بەدەننى چىڭىتىپ تەرلەشنى توختىتىش، ھارام ئەتلەر (يىرىڭ)نى چىقىرىپ تاشلاپ ئەت قوندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن بەدەن ئاجىزلىقتىن تەرلەش، چارچاشتىن ئىچى زەخىملىنىش، ئىچى سۈرۈپ ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ھەر خىل مەرەز (ئەسۋە) قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ. ھازىرقى زامان تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كەتىرانىڭ يۈرەكنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىش رولى بولۇپ، بولۇپمۇ زەھەرلىنىش ياكى چارچاش سەۋەبىدىن زەئىپلەشكەن يۈرەك كېسەللىكىگە نىسبەتەن كۈچەيتىش رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش رولىمۇ بار بولۇپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ياخشىلايدىكەن ھەمدە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. كەتىرانىڭ يەنە جىگەرنى قوغداش، بۆرەك ياللۇغىنى داۋالاش روللىرىمۇ بار ئىكەن. ئېلىمىزدىكى داڭلىق كەتىرالاردىن ئىچكى موڭغۇل كەتىراسى (تۈكلۈك كەتىرا) كۆپىنچە ئىچكى موڭغۇل، خېبېي، سەنشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ؛ شەرقىي شىمال كەتىراسى (پەردە قاسىراقلىق كەتىرا) كۆپىنچە شەرقىي شىمال، خېبېي، شەنشى قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. بۇ ئىككى خىل كەتىرانىڭ يىلتىزى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئىچكى موڭغۇل بىلەن غەربىي شىمالدىن چىقىدىغانلىرى ئېسىل سورتلار ھېسابلىنىدۇ. كەتىرا يوغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ياز پەسلىدە چېچەكلەپ، چوكا مېۋە تۇتىدۇ. يىلتىزى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەتتە تۆت يىلدىن ئارتۇق ئۆسكەن كونا يىلتىزلىرى كولاپ يىغىۋېلىنىدۇ. يەر ئۈستىدىكى غول ۋە يوپۇرماقلىرى ھەمدە يەر ئاستىدىكى چاچما يىلتىزلىرى يىغىۋېلىنىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن30 ~60 سانتىمېتىر كەسلەپ ساقلىنىدۇ ياكى كېسىپ يالپاقلاپ دورا قىلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىنغان كەتىرا تەركىبىدە مىكرو ئېلېمېنت سىلىن (eS) بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، سۈپىتىمۇ ياخشى. كەتىرانىڭ غول ۋە يوپۇرماقلىرىدا ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، چارۋا ماللارنىڭ يەم - خەشىكى قىلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كەتىرا | UyghurWiki | UyghurWiki