پىچەكگۈل يوپۇرماقلىق زىراۋەندە
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئىچىدە دائىم زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، دورا يايمىلىرىدا (سەكسەن خالتىلاردا) سېتىلىدىغان چار پاقىسىمان زىراۋەندە، قارا ئەندىز، تاغ تاشپاقىسىمان زىراۋەندە قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى ئاچچىق بولۇپ، رېماتىزم كېسەللىكىنى داۋالايدىغان دورا ماتېرىياللىرى ھېسابلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئافرىقىدا ئۆسىدىغان پىچەكگۈل يوپۇرماقلىق زىراۋەندە بولسا كىشىلەرگە ئويلاپ يەتمىگەن «دەرىجىدىن تاشقىرى قەنت - گېزەك» ئاتا قىلغان.
ئافرىقىنىڭ پىچەكگۈل يوپۇرماقلىق زىراۋەندىسى پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، زىراۋەندە ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ قىزىل ياقۇتتەك ساپاق - ساپاق مېۋىلىرى پېلەكلىرىدە خۇددى ئۈزۈملەردەك ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، رەڭگى كۆركەم، كۆزنى خرۇستالدەك چاقنىتىپ، ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدۇ. بولۇپمۇ مېۋە ئېتى ئادەمنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ، ئۇ ھەسەلدىنمۇ تاتلىق، قوغۇن - تاۋۇزلاردىنمۇ شېرىن - سۇلۇق بولۇپ، مۇزدەك ھەم مەززىلىك. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى شېكەردىن نەچچە يۈز مىڭ ھەسسە يۇقىرى تۇرىدىكەن. مېۋىسىدە بىر تال خېلى چوڭ ئۇرۇقى بولىدۇ. بۇ خىل مېۋىنى يېگەندە، ئېغىزدىكى شېرىن، مەززىلىك تەم خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە ساقلىنىدۇ. شۇڭا، يەرلىك ئاھالىلەر ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان چىرايلىق نام − «شادلاندۇرۇۋېتىدىغان مېۋە» دېگەن نامنى بەرگەن.
ھازىر، پىچەكگۈل يوپۇرماقلىق زىراۋەندە مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈلمەكتە. ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغۇسى.