UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىرودېيە ئوتى

رودېيە ئوتى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى رودېيە ئوتى مەملىكىتىمىزنىڭ يوپۇرماق - مېۋىلىرىنى تاماشا قىلىش ئاساس قىلىنىدىغان ئەنئەنىۋى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، تارىختىن بۇيان بەخت - سائادەتلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىپ كەلگەن، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ياكى ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان دورىلارنىڭ ئوراش - قاچىلاش قاپلىرىنىڭ سىرتىغا ھەمىشە رودېيە ئوتى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك قىلىپ سىزىپ تاۋار ماركىسى قىلىنىدۇ. رودېيە ئوتىنىڭ ئەسلىي ماكانى جۇڭگو ۋە ياپونىيە بولۇپ، گۈلسامساق ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى توم، قىسقا، گۆشلۈك، تۈپ ئېگىزلىكى50 −60 سانتىمېتىر كېلىدۇ، يوپۇرمىقى يىلتىزسىمان غولىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. كەڭ تاسما شەكىللىك، تېرە ماددىلىق، قېلىن، تولۇق گىرۋەكلىك، گىرۋىكى دولقۇنسىمان. گۈل ئوقى يوپۇرماق توپى ئارىسىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، ئېگىزلىكى10 −20 سانتىمېتىر كېلىدۇ، باشاقسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ. ئەتىياز - ياز ئارىلىقىدا چېچەكلەيدۇ، گۈلى دەسلەپ سۇس يېشىلغا مايىل ئاق رەڭلىك بولىدۇ، كېيىن سورتلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ سېرىق ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلەرگە ئۆزگىرىدۇ. شار شەكىللىك شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ، قىزىل مېۋە، يېشىل يوپۇرماقلار بىر - بىرىنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ. ئۇ توزۇماي دائىم كۆكىرىپ تۇرغاچقا قىشتا توزۇماس ئوت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رودېيە ئوتىنىڭ ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان سورتلىرىدىن يوپۇرماق گىرۋىكى سېرىق رەڭلىك بولىدىغان ئالتۇن گىرۋەكلىك رودېيە، يوپۇرماق گىرۋىكى ئاق بولىدىغان كۈمۈش گىرۋەكلىك رودېيە، يوپۇرماق يۈزىدە ئاق داغلىرى بولىدىغان ئالا يوپۇرماقلىق رودېيە قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار دائىم كىشىلەر تەرىپىدىن ياتاق ئۆي، مېھمانخانا، يىغىن زاللىرىدىكى مۇنبەرلەرگە زىننەتلەش ئۈچۈن تىزىپ قويۇلىدىغان ئېسىل بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ. رودېيە ئوتى جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىدە «بەيخېچې» دېيىلىدۇ. تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق ئارىلاش ئاچچىق، قىزىتمىنى قايتۇرۇپ قان توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرۇش، يۈرەكنى كۈچەيتىپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىغا ئىگە. سەنكىيا (ئاق مەرگىمۇش) ياكى ئەپيۈندىن زەھەرلىنىشتە زەھەر قايتۇرۇش رولى بار. خەلق ئارىسىدا دائىم رودېيە ئوتىنىڭ يىلتىز ۋە يوپۇرماقلىرىنى دورا قىلىپ ئىچىپ ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ زەخىملىنىش، يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ئېششىپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ. سىرتتىن سۈرسە زەھەرلىك يىلان چاققان يارا ئىزى، ئەمچەك ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالاشقا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
رودېيە ئوتى | UyghurWiki | UyghurWiki